bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 12
Job 12
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 11
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 13 →
1
ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
2
«سىلەر ھەقىقەتەن ئىش بىلىدىغان ئادەم ئىكەنسىلەر-ھە، سىلەر ئۆلسەڭلار ھېچقانداق دانا ئادەم قالمايدىكەن-دە!؟
3
لېكىن مەندىمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئەقىل بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، سىلەر دېگەننى كىم بىلمەيدۇ دەيسىلەر؟
4
مەن خۇدادىن ئۆتۈنۈپ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ، دوستلىرىمنىڭ كۈلكىسىگە قالدىم. مەندەك ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدى.
5
راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنى مەنسىتمەيدۇ. ئۇلار يىقىلاي دەپ قالغان ئادەملەرنى يىقىتىۋېتىدۇ.
6
لېكىن ئوغرىلار چېدىرلىرىدا تىنچ ياشايدۇ، خۇدانىڭ چىشىغا تەگكەنلەر خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىشەنگەن ئىلاھىدۇر.
7
ھالبۇكى ھايۋانلاردىن مەسلىھەت سورىساڭ، ئۇلار ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاسماندىكى قۇشلاردىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ.
8
زېمىنغا مۇراجىئەت قىلساڭ، زېمىن ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ياكى دېڭىزدىكى بېلىقلاردىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ.
9
ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى بىرسى ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلمەيدۇ؟
10
بارلىق ھاياتلىق ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئىنساننىڭ تىنىقىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەستۇر.
11
تىل تائامنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك، ئەجەبا قۇلاقمۇ سۆزلەرنى پەرقلەندۈرمەمدۇ؟
12
ياشانغانلار ئەقىل-پاراسەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر بىلىملىك بولار.
13
خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە قۇدرەتلىكتۇر، مەسلىھەت ۋە بىلىم ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر.
14
ئۇ ۋەيران قىلسا، قايتا قۇرغىلى بولماس، ئۇ قاماققا ئالسا، ھېچكىم قۇتقۇزالماس.
15
ئۇ سۇ مەنبەسىنى ئېتىۋەتسە، قۇرغاقچىلىق بولار، سۇ مەنبەسىنى ئېچىۋەتسە، زېمىن سۇ ئاستىدا قالار.
16
ئۇ قۇدرەتلىك ۋە ئەقىل-پاراسەتلىكتۇر، ئالدىغۇچى ۋە ئالدانغۇچى ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر.
17
ئۇ مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى يوق قىلىۋېتىپ، سوراقچىلارنى ئەخمەق قىلىدۇ.
18
ئۇ پادىشاھلارنىڭ تونىنى يېشىپ تاشلاپ، خۇددى قۇللاردەك پەقەت ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ قويىدۇ.
19
ئۇ روھانىيلارنىڭ تونىنى سالدۇرۇۋالىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ھوقۇق تۇتقانلارنى ئاغدۇرىدۇ.
20
ئۇ ئاقىللارنى تىلىدىن قالدۇرۇپ، ئاقساقاللارنى بىلىمىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
21
ئۇ مەرتىۋىلىكلەرنى شەرمەندە قىلىپ، ئەمەلدارلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
22
ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى سىرلارنى ئاشكارا قىلىپ، زاۋال باسقان قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ.
23
ئۇ ئەللەرنى گۈللەندۈرىدۇ ھەم زاۋال تاپقۇزىدۇ، ئۇلارنى كېڭەيتىدۇ ھەم چىچىۋېتىدۇ.
24
ئۇ ئەلنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا ئازدۇرۇپ، سەرسان قىلىدۇ.
25
ئۇلار نۇرسىز قاراڭغۇلۇقتا تىمىسقىلاپ ماڭىدۇ، خۇددى مەست ئادەملەردەك دەلدەڭشىيدۇ.»
← Chapter 11
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 13 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42