bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 22
Job 22
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 23 →
1
تېمانلىق ئەلىفاز جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
2
«ئادەم خۇداغا قانچىلىك پايدا يەتكۈزەلەيدۇ، ھەتتا ئۇ ئەقىللىق ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ خۇداغا قانچىلىك پايدا يەتكۈزەلەيدۇ؟
3
ئەجەبا ھەممىگە قادىر خۇدا سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭدىن شادلىنىپ، ئىشلىرىڭنىڭ پاكلىقىدىن پايدىغا ئېرىشەرمۇ؟
4
خۇدا سېنىڭ ئۇنىڭغا ئىخلاسمەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئەيىبلەمدۇ، سوراققا تارتامدۇ؟
5
ئەجەبا سېنىڭ گۇناھىڭ ئېغىر، جىنايىتىڭ ھېسابسىز ئەمەسمىدۇ؟
6
سەن قېرىنداشلىرىڭنىڭ گۆرۈگە قويغان مال-مۈلكىنى سەۋەبسىز ئېلىۋالدىڭ، نامراتلارنىڭ كىيىملىرىنى تارتىۋالدىڭ.
7
سەن چاڭقىغانلارغا سۇ، قورسىقى ئاچقانلارغا تاماق بەرمىدىڭ.
8
سەن مەرتىۋىلىك، يەرنىڭ ئىگىسى ھەم ئۆز يېرىڭدە ياشايدىغان ئابرۇيلۇق ئادەم تۇرۇقلۇق،
9
تۇل ئاياللارنى قۇرۇق قول قايتۇردۇڭ، يېتىملەرنىڭ قولىنى سۇندۇردۇڭ.
10
شۇڭا ئەتراپىڭنى تۇزاقلار قاپلاپ، سېنى تۇيۇقسىز ۋەھىمە باستى.
11
قاراڭغۇلۇق نەزىرىڭنى توسۇۋالدى، كەلكۈن سېنى يۇتۇپ كەتتى.
12
خۇدا ئەرىشتە ئەمەسمۇ؟ قارا، يۇلتۇزلار نېمىدېگەن ئېگىزدە-ھە!
13
بىراق سەن: ‹خۇدا نېمىنى بىلەتتى، ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قانداقسىگە سوراق قىلالىسۇن؟
14
ئۇ ئاسمان گۇمبىزىنى چارلاپ يۈرگەندە، بۇلۇتلار ئۇنىڭ نەزىرىنى تۇسۇۋالىدىغان تۇرسا› دەيسەن.
15
ئەجەبا سەن رەزىللەر ماڭغان كونا يولدا داۋاملىق ماڭماقچىمۇسەن؟
16
ئۇلار ئەجىلى توشماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى، ئۆمۈر يىلتىزلىرىنى سەل ئېقىتىپ كەتتى.
17
ئۇلار خۇداغا: ‹بىزدىن يىراق تۇرغىن، ئەي ھەممىگە قادىر خۇدا، بىزنى زادى نېمە قىلماقچىسەن؟› دېدى.
18
ئەمما خۇدا يەنىلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى نەرسىلەر بىلەن تولدۇردى. لېكىن مەن ئۇنداق رەزىللەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە قوشۇلمايمەن.
19
ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن خۇشاللىنىپ، گۇناھسىزلار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشىپ:
20
‹دۈشمەنلىرىمىز ۋەيران بولۇشتى، مال-مۈلكىنى ئوت يالماپ كەتتى› دېيىشىدۇ.
21
شۇڭا سەن خۇداغا بويسۇنغىن، ئۇنىڭ بىلەن ئىناق ئۆتكىن، شۇ چاغدا ساڭا بەخت-سائادەت كېلىدۇ.
22
ئۇنىڭ تەلىملىرىنى قوبۇل قىلغىن، سۆزلىرىنى قەلبىڭدە ساقلىغىن.
23
ئەگەر سەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ كەلسەڭ، ئەسلىڭگە كېلىسەن. گۇناھلىرىڭنى چېدىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ،
24
ئالتۇنۇڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئوفىردىن كەلگەن ئالتۇنلىرىڭنىمۇ تاشلىق سايغا تاشلىساڭ،
25
ھەممىگە قادىر خۇدا سېنىڭ ئالتۇنۇڭ، قىممەتلىك كۈمۈشۈڭ بولىدۇ.
26
شۇندىلا سەن ھەممىگە قادىر خۇدادىن خۇشاللىق تاپالايسەن، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ خۇداغا قارىيالايسەن.
27
ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ ئاڭلايدۇ، ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسەن.
28
قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنىڭ ھەممىسى غەلىبىلىك بولىدۇ، يوللىرىڭنى نۇر يورۇتىدۇ.
29
كىشىلەرنىڭ قەدىرى بولمىغاندا ‹قەددىڭنى كۆتەر!› دەيسەن، خۇدا ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
30
ئۇ ھەتتا گۇناھكارلارنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، ئۇلار سېنىڭ پاكلىقىڭدىن نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.»
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 23 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42