bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 9
Job 9
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 8
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 10 →
1
ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
2
«شۇنداق، دېگەنلىرىڭنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ئادەم قانداق قىلغاندا خۇدا ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟
3
ئەگەر بىر ئادەم خۇدا بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلەشمەكچى بولسا، خۇدا ئۇنىڭدىن مىڭ سوئال سورىسا، ئۇ ئادەم بىر سوئالىغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
4
خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.
5
ئۇ تۇيدۇرماي تاغلارنى يۆتكىۋېتەلەيدۇ، غەزەپلەنگەندە تاغلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدۇ.
6
ئۇ يەرنى تەۋرىتىپ، ئورنىدىن قوزغىۋېتەلەيدۇ، زېمىننىڭ ئۇلىنىمۇ سىلكىندۈرۈۋېتەلەيدۇ.
7
ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قۇياشنى چىقماس، يۇلتۇزلارنى چاقنىماس قىلىۋېتەلەيدۇ.
8
ئۇ ئۆزى يالغۇز ئاسماننى يېيىپ، دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدە مېڭىپ يۈرىدۇ.
9
ئۇ چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى، ئورىيون يۇلتۇز تۈركۈمى، ئۈكەر يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە جەنۇبتىكى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى ياراتقاندۇر.
10
ئۇ قىلغان بۈيۈك ئىشلار ساناقسىز، ياراتقان مۆجىزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىزدۇر.
11
ئۇ يېنىمدىن ئۆتسە كۆرەلمەيمەن، ئۇنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىنىمۇ بىلەلمەيمەن.
12
ئەگەر ئۇ ‹ئالىمەن› دېسە كىم توسالايدۇ، كىم ئۇنىڭدىن ‹نېمە قىلىۋاتىسەن؟› دەپ سورىيالايدۇ؟
13
خۇدا غەزەپلەنسە غەزىپىنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. دېڭىز مەخلۇقى راخابنىڭ ياردەمچىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويىدۇ.
14
ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرەلەيمەن؟ مەن سۆز تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن قانداقمۇ مۇنازىرىلىشەلەيمەن؟
15
گەرچە مەن گۇناھسىز بولساممۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيمەن، پەقەت سوتچىنىڭ رەھىم قىلىشىنىلا ئۆتۈنەلەيمەن.
16
مەن ئۇنى چاقىرغاندا، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەن يەنىلا ئۇنىڭ سۆزلىرىمگە دىققەت قىلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن.
17
ئۇ بوران-چاپقۇن بىلەن ماڭا زەربە بەردى، كۆپ قېتىم سەۋەبسىزلا جاراھەتلەندۈردى.
18
ئۇ دېمىمنى ئېلىۋېلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمىدى، ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈچە تارتقۇزدى.
19
ئەگەر كۈچ ھەققىدە گەپ بولسا، ئۇ ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكتۇر، ئەگەر ئادىللىق ھەققىدە گەپ بولسا، كىممۇ ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟
20
گەرچە مەن گۇناھسىز بولساممۇ، ئاغزىم گۇناھكاردۇر. تۈز بولساممۇ، ئاغزىم مېنى ‹ئەگرى› دەيدۇ.
21
قۇسۇرسىزلىقىم ماڭا بەرىبىر، مەن ھاياتىمدىن تويغانمەن.
22
شۇڭا ‹ھەممىسى بەرىبىر› دەيمەن، مەيلى قۇسۇرسىز ئادەم بولسۇن، مەيلى بۇزۇق ئادەم بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇ يوقىتىدۇ.
23
گەرچە گۇناھسىز بولسىمۇ، ئاپەت كېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا خۇدا كۈلىدۇ.
24
خۇدا رەزىل كىشىلەرنىڭ دۇنيانى باشقۇرۇشىغا يول قويغان، سوتچىلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئادىل ھۆكۈم چىقىرالماس قىلىپ قويغان. بۇنى خۇدا قىلمىغان بولسا يەنە كىم قىلدى؟
25
يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ئادەمدەك كۈنلىرىم تېز ئۆتمەكتە، كۈنلىرىم شۇنچە تېز قاچماقتا، بىر كۈنمۇ ياخشى كۈن كۆرمىدىم.
26
ھاياتىم قومۇشتىن ياسالغان قېيىقتەك تېز، ئولجىغا ئېتىلغان بۈركۈتتەك چاپسان ئۆتمەكتە.
27
ئى خۇدا، ئەگەر مەن بارلىق قاقشاشلىرىمنى ئۇنتۇپ، سولغۇن چىرايىمنى كۈلكە چىرايغا ئايلاندۇرسام ياخشى بولار ئىدى،
28
لېكىن مەن يەنىلا ئاغرىق ئازابىدىن قورقىمەن. چۈنكى سېنىڭ مېنى گۇناھسىز دېمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.
29
سەن مېنى گۇناھكار دەپ قارىغانىكەنسەن، يەنە جان تالىشىپ نېمە قىلاي؟
30
بويۇمنى قار سۈيىدە، قولۇمنى شاخار بىلەن يۇساممۇ،
31
سەن مېنى يەنىلا ئەۋرەزگە تاشلايسەن، كىيىم-كېچەكلىرىممۇ مەندىن يىرگىنىدۇ.
32
خۇدا ماڭا ئوخشاش ئىنسان بولمىغاندىكىن ئۇنىڭغا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن، سوتتا ئۇنىڭ بىلەن قانداقمۇ مۇنازىرىلىشەلەيمەن؟
33
ئارىمىزدا ئىككىمىزنى كېلىشتۈرۈپ قويىدىغان كېلىشتۇرگۈچى بولسا ياخشى ئىدى.
34
ئەگەر ئۇ مەندىن جازا تايىقىنى يىراق قىلغان بولسا، مېنى ۋەھىمىگە سالمىسا،
35
ئۇ ۋاقىتتا مەن قورقماي، يۈرەكلىك سۆزلىيەلەيتتىم، لېكىن مەن ھازىر ئۇنداق قىلالمايمەن.»
← Chapter 8
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 10 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42