bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 28
Job 28
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 27
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 29 →
1
كۈمۈش قازىدىغان كانلار بار، ئالتۇن تاۋلايدىغان جايلار بار.
2
تۆمۈر يەردىن قېزىپ ئېلىنىدۇ، ئېرىتىلگەن تاشتىن مىس چىقىرىلىدۇ.
3
ئىنسانلار قاپقاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ، ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۈشۈپ، شۇ قاراڭغۇلۇقتا رۇدا ئىزدەيدۇ.
4
ئادەملەر ئادەمزاتسىز يىراق جايلاردا، ئادەم ئاياغ باسمىغان جايلاردا كانلار ئېچىپ، چوڭقۇرلۇقلاردا ئارقانلارغا ئېسىلىپ، پۇلاڭلىشىدۇ.
5
يەر ئۈستىدىن ئاشلىق چىقىدۇ، يەر ئاستىدىكى ئوت ھەممە نەرسىنى ئېرىتىدۇ.
6
يەر ئاستىدىكى تاشلاردىن كۆك ياقۇت چىقىدۇ، قۇم ئىچىدە ئالتۇن كۆمۈلۈپ ياتىدۇ.
7
كان يولىنى ئوۋ قۇشلىرى بىلمەيدۇ، لاچىنمۇ ئۇنى كۆرگەن ئەمەس.
8
يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇ يەرلەرگە ئاياغ باسمىغان، شىرلارمۇ ئۇ يەرلەردىن ئۆتمىگەن.
9
ئىنسانلار قاتتىق تاشلارنى تېشىپ، تاغ تۈۋىنى ئاچىدۇ.
10
قىيا تاشلاردىن تونېل ئېچىپ، خەزىنىلەرنى تېپىپ چىقىدۇ.
11
ئۇلار ئېقىنلارنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ، بايلىقلارنى نامايان قىلىدۇ.
12
لېكىن دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟ ئەقىل-پاراسەت قەيەردىن كېلىدۇ؟
13
ئەقىل-پاراسەتنىڭ قىممىتىنى ئىنسان بىلمەيدۇ، بۇ ئالەمدە ئىنسان ئۇنى تاپالمايدۇ.
14
چوڭقۇرلۇق: «ئۇ يوقتۇر مەندە» دەيدۇ، دېڭىز: «ئۇ يوقتۇر بۇ يەردە» دەيدۇ.
15
ئەقىل-پاراسەتنى ساپ ئالتۇنغا تېگىشكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ قىممىتىنى كۈمۈش بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
16
ئۇنىڭ قىممىتىنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنى، قىممەتلىك يوللۇق ھېقىق تاش ۋە كۆك ياقۇتنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
17
ئۇنى ئالتۇن ۋە گۆھەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ساپ ئالتۇن ئىدىشلار بىلەن تېگىشكىلى بولمايدۇ.
18
ئۇنى مارجان تاشلار ۋە خىرۇستال بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. قىزىل ياقۇتنىڭ قىممىتىمۇ ئۇنىڭغا ئەسلا يەتمەيدۇ.
19
ئۇنى كۇشتىن ئەكەلگەن توپاز بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ساپ ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالمايدۇ.
20
ئۇنداقتا، دانالىق قەيەردىن كېلىدۇ؟ ئەقىل-پاراسەتنىڭ ماكانى نەدە؟
21
ئۇ پىنھاندۇر، مەخلۇقاتلار كۆرەلمەس، يوشۇرۇندۇر، ئاسماندىكى قۇشلار بايقىيالماس.
22
ئۆلۈكلەر ماكانى ۋە ئۆلۈم دەيدۇ: «بىز كوچا گەپلىرىدىن ئاڭلىغان، لېكىن كۆرۈپ باقمىغان».
23
خۇدا بىلەر پاراسەتنىڭ يولىنى، ئۇنىڭ بار يېرىنى.
24
چۈنكى خۇدا كۆرەر زېمىننىڭ ئۇ چېتىنى، كۆزىتەر پۈتكۈل ئالەمنى.
25
ئۇ شامالغا كۈچ، سۇغا سىغىمچانلىق،
26
يامغۇرغا پاسىل، چاقماققا يول بېكىتكەندە،
27
تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئەقىل-پاراسەتنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەپ مۇقىملىدى.
28
خۇدا ئىنسانلارغا شۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك دانالىقتۇر، رەزىللىكتىن يىراق تۇرۇش ئەقىل-پاراسەتتۇر.»
← Chapter 27
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 29 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42