bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 24
Job 24
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 25 →
1
ھەممىگە قادىر خۇدا نېمىشقا سوئال-سوراق كۈنىنى بەلگىلىمەيدۇ؟ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەمنى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار ساقلىتىدۇ؟
2
رەزىللەر پاسىل تېشىنى يۆتكىۋېتىپ، يەرنى ئېلىۋالىدۇ، قويلارنى ئوغرىلاپ، ئۆز پادىلىرىغا قوشۇپ باقىدۇ.
3
ئۇلار يېتىملەرنىڭ ئېشەكلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئۆكۈزىنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدۇ.
4
ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن ھەيدەيدۇ، يوقسۇللارنى يوشۇرۇنۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
5
نامراتلار بالا-چاقىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن خۇددى چۆل-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك، ئوزۇق ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ.
6
ئۇلار ئېتىزلاردىكى قالدۇق زىرائەتلىرىنى ئورۇۋالىدۇ، رەزىللەردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەرنى تېرىۋالىدۇ.
7
ئۇلار كېچىلەرنى يالىڭاچ ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ سوغۇقتىن دالدا قىلغۇدەك يېپىنچىلىرى يوق.
8
ئۇلار تاغ يامغۇرلىرىدا ھۆل بولۇپ كەتسە، قىيا تاشلارنى دالدا قىلىدۇ.
9
رەزىللەر تۇل ئاياللارنىڭ قۇچىقىدىكى بالىلارنى بۇلاپ كېتىدۇ، نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى گۆرۈگە ئالىدۇ.
10
نامراتلار كىيىمسىز، يالىڭاچ سەرسان يۈرىدۇ. ئاچ قورساق ھالدا بۇغداي باغلىرىنى توشۇيدۇ.
11
ئۇلار رەزىللەرنىڭ زەيتۇنلۇقىدا ياغ تارتىدۇ، ئۈزۈملەرنى ئېزىپ شەربەت چىقىرىدۇ، لېكىن چاڭقاپ كەتسىمۇ، شەربەتتىن ئىچەلمەيدۇ.
12
شەھەردىن سەكراتتىكىلەرنىڭ نىدالىرى ئاڭلىنىدۇ، ياردەم تەلەپ قىلغان يارىدارلارنىڭ ئىڭراشلىرى ئۈزۈلمەيدۇ. لېكىن خۇدا رەزىللەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ.
13
يورۇقلۇق بىلەن قارشىلىشىدىغان رەزىللەر بار، ئۇلار پارلاق يولنى تونۇمايدۇ، ھەم پارلاق يولدىمۇ ماڭمايدۇ.
14
قاتىللار تاڭ ئاتماي ئورنىدىن تۇرۇپ، نامراتلار ۋە موھتاجلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ، كەچتە يەنە ئوغرىلىق قىلىدۇ.
15
زىناخورلار قاراڭغۇ چۈشۈشنى كۈتىدۇ، ئۇلار ‹بىرسى مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن› دەپ يۈزلىرىنى يۆگىۋالىدۇ.
16
ئوغرىلار كېچىلىرى تام تېشىدۇ، كۈندۈزلىرى يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. نۇر بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ.
17
تاڭ نۇرى ئۇلار ئۈچۈن زۇلمەتلىكتۇر، كېچىنىڭ قورقۇنچى ئۇلارنىڭ دوستى بولىدۇ.
18
رەزىللەر سېسىق سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈككە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ يەرلىرى قارغىشقا قېلىپ، ھېچكىم ئۈزۈمزارلىقلىرىغا بارمايدۇ.
19
قۇرغاقچىلىق ۋە ئىسسىق خۇددى قار-مۇزلارنى ئېرىتىپ كەتكەندەك، گۆرمۇ گۇناھكارلارنى يۇتۇپ كېتىدۇ.
20
ئۇلارنى تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇيدۇ، تېنى قۇرتلارغا يەم بولىدۇ. ئۇلارنى ئەسلەيدىغان ھېچكىم قالمايدۇ، رەزىللەر خۇددى قۇرۇپ كەتكەن دەرەختەك سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.
21
رەزىللەر تۇغماس، بالىسىز ئاياللارنى خورلايدۇ، تۇل ئاياللارغا شەپقەت قىلمايدۇ.
22
قۇدرەتلىك خۇدا بۇ رەزىل ھوقۇقدارلارنى سۈرۈپ ئەكېتىدۇ. خۇدا ئۇلارغا قارشى قوزغالسا، ئۇلار ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇشقىمۇ قۇربى يەتمەيدۇ.
23
خۇدا ئۇلارنى بىر مەزگىل خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن قىلسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.
24
ئۇلار قارىماققا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن تېزلا غايىب بولىدۇ، ئۇلار يەرگە ئۇرۇلۇپ، باشقىلاردەك ھالاك بولىدۇ. خۇددى باشاقلاردەك ئورۇپ كېتىلىدۇ.
25
مېنىڭ دېگەنلىرىم ئەمەلىيەتتۇر، قېنى كىم ئىنكار قىلالايدۇ؟ قېنى كىم دېگەنلىرىمنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟»
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 25 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42