bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 6
Job 6
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 7 →
1
ئايۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:
2
«ھەسرەتلىرىمنى تارازىغا سېلىپ باققان بولساڭ، ماڭا كەلگەن بالا-قازالارنى ئۆلچەپ باققان بولساڭ،
3
دېڭىزلاردىكى قۇملاردىنمۇ ئېغىر كېلەتتى، شۇڭا مەن ئويلانمايلا جاۋاب بەردىم.
4
ماڭا ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوقلىرى تەگدى، روھىم ئۇنىڭدىكى زەھەرنى سۈمۈرمەكتە، خۇدا مېنى ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن قورقۇتماقتا.
5
ياۋايى ئېشەكنىڭ ئوت-چۆپى بولسا ھاڭرامدۇ؟ ئۆكۈزنىڭ ھەلىپى بولسا مۆرەمدۇ؟
6
سېنىڭ تۇزسىز تائامدەك سۆزلىرىڭنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن؟ كىمنىڭ تەمى يوق تۇخۇم ئېقىنى يېگۈسى كەلسۇن؟
7
ئاشۇنداق لەززەتسىز تائاملارنى يېمەيمەن، ئۇلارنى ئويلىساملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ.
8
ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشسا ئىدى، خۇدا تىلىگىنىمنى بەرسە ئىدى،
9
خۇدا مېنى ئېزىشكە رازى بولسا، قولىنى كۆتۈرۈپ جېنىمنى ئالسا ئىدى،
10
ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئۇنىڭ مۇقەددەس سۆزلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىم ماڭا تەسەللى بولار ئىدى، چەكسىز ئازاب ئىچىدىن خۇشاللىق تاپار ئىدىم.
11
مەندە يەنە كۈتكۈدەك نېمە ماغدۇر بولسۇن؟ كەلگۈسۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانداق تاقەت بولسۇن؟
12
ئەجەبا مەن تاشتىن يارىتىلغانمۇ؟ تېنىم تۇچتىن سوقۇلغانمۇ؟
13
ئۆزۈمنى قۇتقۇزغۇدەك مادارىم قالمىدى، ماڭغۇدەك يولۇممۇ قالمىدى.
14
ئەگەر بىرسى ئۈمىدسىزلەنگەن دوستىغا مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممىگە قادىر خۇداغا بولغان ئىخلاسىنى يوقاتقان بولىدۇ.
15
خۇددى پەسىللىك دەريالاردەك، بەزىدە كېلىپ، بەزىدە توختايدىغان ئېقىنلاردەك قېرىنداشلىرىم ئىشەنچسىزدۇر.
16
مۇزلار ئېرىپ سۇلار ئاققاندا، قار سۇلىرىغا لاتقىلار قوشۇلۇپ مول ئېقىنغا ئايلىنىدۇ.
17
ھاۋا ئىسسىغاندا سۈيى ئازلاپ، تومۇز ئىسسىق بولغاندا پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ.
18
كارۋانلار سۇ ئىزدىشىپ، يولىدىن ئېزىپ، قاقاس چۆلدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
19
تەمادىن كەلگەن كارۋانلار ئېقىن ئىزدىشىدۇ، شىبالىق سودىگەرلەر سۇنىڭ ئېقىپ كېلىشىنى كۈتىدۇ.
20
كۈتكەنلىرى يوققا چىقىپ، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلىك باسىدۇ، كۈتكەن يەرلىرىگە بېرىپ، يۈرەكلىرى پۇچىلىنىدۇ.
21
سۇسىز ئېقىنلارغا ئوخشاش سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بەرمەيسىلەر، ماڭا كەلگەن بالايىئاپەتنى كۆرۈپلا تېخىمۇ قورقۇپ كېتىۋاتىسىلەر.
22
مەن سىلەرگە: ‹بايلىقىڭلاردىن ماڭا بېرىڭلار، ياكى پارا بېرىپ مېنى قۇتقۇزۇڭلار› دېگەنمىدىم؟
23
ياكى مەن: ‹قۇتقۇزۇڭلار دۈشمەن قولىدىن›، ۋە: ‹سېتىۋېلىڭلار زوراۋانلاردىن› دېگەنمىدىم؟
24
قېنى ئېيتىڭلارچۇ؟ جىمجىت تۇرۇپ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاي، قايسى ئىشتا خاتا قىلغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار.
25
ھەقىقەتەن توغرا سۆزنىڭ كۈچى زوردۇر، لېكىن مېنى ئەيىبلەشكە نېمە ئاساسىڭلار بار؟
26
سۆزلىرىمنى تەنقىد قىلماقچىمۇسىلەر؟ ئۈمىدسىز ئادەمنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى خۇددى شامالغا ئوخشاش دەپ ئويلامسىلەر؟
27
سىلەر يېتىملەرنىڭ ئۈستىدە چەك تارتىشىسىلەر، دوست-بۇرادىرىڭلارنى ساتىسىلەر.
28
ئەمدى مەرھەمەت قىلىپ، ماڭا قاراڭلار، مەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، سىلەرگە يالغان ئېيتمايمەن.
29
يېتەر ئەمدى، ناھەقچىلىك قىلماڭلار، يەنە ئويلاڭلار، مەندە ئەيىب يوق!
30
سۆزلىرىمدە ھەقىقەتسىزلىك بارمۇ؟ مەن توغرا-خاتانى پەرقلەندۈرەلەيمەن.
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 7 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42