bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 40
Job 40
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 39
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 41 →
1
پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە مۇنداق دېدى:
2
«ئەي تاكاللاشقۇچى، ھەممىگە قادىر مەن خۇدايىڭ بىلەن يەنە تاكاللاشماقچىمۇسەن؟ خۇدا بىلەن گەپ تالاشقۇچى ئەمدى جاۋاب بەرگىنە.»
3
ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
4
«مەن ئەرزىمەس بىر ئادەم، ساڭا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن؟ مەن ئەمدى ئېغىزىم ئاچمايمەن.
5
كۆپ گەپ قىلدىم، ئەمدى باشقا گېپىم يوق.»
6
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قۇيۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئايۇپقا مۇنداق دېدى:
7
«بېلىڭنى چىڭ باغلاپ، ئەركەكتەكتۇر! مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن.
8
سەن مېنىڭ ئادالىتىمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزۈڭنى ئادىل دەپ مېنى ئەيىبلىمەكچىمۇ؟
9
سەندە مەن خۇدايىڭنىڭكىدەك بىلەك بارمۇ؟ سېنىڭ ئاۋازىڭ مېنىڭ گۈلدۈرمامىغا ئوخشايدىغان ئاۋازىمدەك ئاڭلىنامدۇ؟
10
شان-شەرەپ ۋە سالاپىتىڭنى كۆرسىتىپ، ھۆرمەت ۋە ھەيۋىتىڭنى كىيىپ باققىنا.
11
كۈچلۈك غەزىپىڭنى قوزغاپ ياغدۇرۇپ باققىنا، ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى يوقىتىپ باققىنا.
12
ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ كەمتەر قىلغىن. رەزىللەرنى ئۆز يېرىدە دەسسەپ چەيلىگىن.
13
ئۇلارنى بىرلىكتە يەرگە كۆمۈپ، گۆرنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋەت.
14
شۇنداق قىلساڭلا، ئوڭ قولۇڭنىڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
15
بىھېموتقا قارا، ئۇنىمۇ، سېنىمۇ مەن ياراتقان. ئۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ.
16
ئۇنىڭ بېلىنىڭ مادارىغا قارا، قورساق مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى كۆر.
17
قۇيرۇقى كېدىر دەرىخىدەك قاتتىق، پۇتىنىڭ پەيلىرى چىڭ،
18
ئۇستىخانلىرى تۇچ نوردەك، تۆت پۇتى تۆمۈر كۆتەكتەك تۇرىدۇ.
19
مەن ياراتقان جانىۋارلار ئىچىدە ئۇ ھەممىدىن بۈيۈكى بولۇپ، پەقەت مەن ياراتقۇچى خۇدالا ئۇنى قىلىچىم بىلەن يېڭەلەيمەن.
20
تاغ تىزمىلىرى ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق ماكانىدۇر، ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ياۋايى ھايۋانلار ئوينار.
21
ئۇ چاتقاللارنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ، سازلىقتىكى قومۇشلار ئارىسىغا يوشۇرۇنىدۇ.
22
چاتقاللار ئۇنىڭغا سايە بەرسە، ئېرىق بويلىرىدىكى سۆگەتلەر ئۇنى قورشاپ تۇرىدۇ.
23
دەريا سۈيى شىددەتلىك ئاقسىمۇ ئۇ ھودۇقۇپ كەتمەيدۇ، ئىئوردان دەرياسى تېشىپ قىرغاقلىرىغىچە كۆتۈرۈلسىمۇ، ئۇ ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ.
24
ئۇ سەگەك ۋاقتىدا كىم ئۇنى تۇتالايدۇ؟ ئۇنىڭ بۇرنىغا كىم چۈلۈك ئۆتكۈزەلەيدۇ؟»
← Chapter 39
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 41 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42