bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 41
Job 41
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 40
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 42 →
1
«قارماق بىلەن لىۋياتاننى تۇتۇپ، تىلىنى يىپ بىلەن باغلىيالامسەن؟
2
بۇرنىدىن چۈلۈك، ئېڭىكىدىن ئىلمەك ئۆتكۈزەلەمسەن؟
3
ئۇ سەندىن توختىماي رەھىم تىلەپ، ساڭا ئىللىق سۆزلەرنى قىلامدۇ؟
4
ئۇ سەن بىلەن كېلىشىپ، مەڭگۈ قۇلۇڭ بولامدۇ؟
5
ئۇنى قۇشنى ئوينىغاندەك ئوينىيالامسەن ياكى قىزچاقنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن باغلاپ بېرەلەمسەن؟
6
بېلىقچىلار ئۇنىڭغا باھا قويالامدۇ؟ سودىگەرلەر ئۇنى پارچىلاپ ساتالامدۇ؟
7
ئۇنىڭ تېرىسىنى نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟ بېشىغا ئارا سانجىيالامسەن؟
8
ئۇنىڭغا قولۇڭنى بىر تەگكۈزسەڭلا، ئۇنىڭ قانچىلىك قارشىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىسەن ۋە قولۇڭنى قايتا ئاپىرالمايسەن!
9
ئۇنى تۇتماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈمىدسىزلىنىدۇ. كىشىلەر ئۇنى كۆرگەن ھامان قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتىدۇ.
10
قانچە ۋەھشىي ئادەم بولسىمۇ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىشكە پېتىنالمايدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، كىم مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟
11
كىم مەندىن تۆلەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلالمايدۇ؟ ئالەمدىكى پۈتكۈل نەرسە مېنىڭكىدۇر.
12
لىۋياتاننىڭ پۇت-قولى، كۈچى ۋە گۈزەل تېنى ھەققىدە سۆزلىمەي تۇرالمايمەن.
13
كىم ئۇنىڭ تېرىسىنى سويالايدىكەن؟ كىم ئۇنىڭ ئىككى قات ساۋۇتتەك تېرىسىنى تېشەلەيدۇ؟
14
كىم ئۇنىڭ ئاغزىنى ئاچالايدۇ؟ ئۇنىڭ چىشلىرى شۇنچە قورقۇنچلۇقتۇر.
15
ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى يول-يول تەڭگە قاسراقلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلانغان بولۇپ،
16
زىچلىقىدىن ھاۋامۇ كىرەلمەيدۇ.
17
تەڭگە قاسراقلار بىر-بىرىگە چىڭ چېتىلغان بولۇپ، ئاجرىتىش مۇمكىن ئەمەستۇر.
18
ئۇ چۈشكۈرگەندە ئۇچقۇن چاچرايدۇ، كۆزلىرىدىن تاڭ نۇرىغا ئوخشاش نۇر چاقنايدۇ.
19
ئاغزىدىن يالقۇن چىقىرىپ، ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىدۇ.
20
خۇددى كۆيۈۋاتقان قومۇش ئۈستىدە قايناۋاتقان قازاندەك، ئۇنىڭ بۇرنىدىن ئىس چىقىدۇ.
21
تىنىقى كۆمۈرنى ياندۇرۇپ، ئاغزىدىن يالقۇن چىقىرىدۇ.
22
بوينى قۇدرەتلىك بولۇپ، ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا يول ئېچىپ ماڭىدۇ.
23
تېنىدىكى قاتلاقلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، شۇنچە زىچ بىرىكىپ كەتكەندۇر.
24
يۈرىكى تاشتەك قاتتىق بولۇپ، قاتتىقلىقتا تۈگمەن تېشىدەكتۇر.
25
ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا باتۇرلارمۇ قورقىدۇ. ئۇنىڭ مىدىرلىشىنى كۆرۈپ چېكىنىدۇ.
26
ئۇنى قىلىچلار توسالمايدۇ، نەيزە، خەنجەر، ئاتار نەيزىلەرمۇ ئامالسىزدۇر.
27
ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك، تۇچنى پور ياغاچتەك كۆرىدۇ.
28
ئوقيا ئۇنى قورقىتالمايدۇ، سالغا تېشى پاخالدەك تۇيۇلىدۇ.
29
توقماقنى قورايچىلىك كۆرمەيدۇ، ئېتىلغان نەيزىنى مەنسىتمەيدۇ.
30
قورسىقى ساپال پارچىلىرىدەك ئۆتكۈر بولۇپ، پاتقاق ئۈستىدە يول-يول ئىز قالدۇرىدۇ.
31
ئۇ چوڭقۇر قايناملارنى قازاندەك قاينىتىپ، دېڭىزنى خۇددى ماي قازىنىدەك پورۇقلىتىدۇ.
32
ئۇ ئۈزۈپ ئۆتكەن يېرىدە دولقۇن قالدۇرۇپ، قايناملارنى ئاق چاچتەك يالتىرىتىدۇ.
33
يەر يۈزىدە ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان، ئۇنىڭدەك ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان يەنە بىر ھايۋان يوقتۇر.
34
ئۇ ئەڭ زور ۋە مەغرۇر ھايۋانلارنى مەنسىتمەيدۇ، ئۇ پۈتكۈل تەكەببۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر.»
← Chapter 40
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 42 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42