bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 8
Job 8
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 9 →
1
شۇۋاخلىق بىلداد ئايۇپقا مۇنداق دېدى:
2
«بۇ گەپلەرنى يەنە قاچانغىچە قىلىسەن؟ ئېغىزدىن چىققان سۆزلەر خۇددى بورانغا ئوخشار.
3
ئەجەبا خۇدا ئادالەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەرمۇ؟ ھەممىگە قادىر خۇدا ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتەرمۇ؟
4
پەرزەنتلىرىڭ خۇداغا قارشى گۇناھ سادىر قىلغانلىقتىن، ئۇلار تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىدى.
5
لېكىن سەن خۇداغا ئىنتىلىسەڭ، ھەممىگە قادىر خۇدادىن ئۆتۈنسەڭ،
6
پاك، توغرا بولساڭ، خۇدا قوزغىلىپ، ساڭا شەپقەت قىلىپ، يۇرت-ماكانىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ گۈللەندۈرىدۇ.
7
دەسلەپكى ئەھۋالىڭ باياشات بولمىسىمۇ، كېيىن گۈللىنىسەن.
8
ئۆتمۈشتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئويلا. ئەجدادلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىل.
9
خۇددى بىز تۈنۈگۈن تۇغۇلغاندەكلا ھېچنېمىنى بىلمەيمىز، بۇ دۇنيادىن خۇددى سايىدەكلا ئۆتۈپ كېتىمىز.
10
نېمە ئۈچۈن سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ تەلىم بېرىشىگە، ئەقىل-پاراسەتلىرىنى ئۆگىتىشىگە يول قويمايسەن؟
11
سازلىق بولمىسا يېكەن ئۆسەمدۇ، قومۇش سۇدىن ئايرىلالامدۇ؟
12
قومۇش ئۆسكەن تەقدىردىمۇ سۇ بولمىسا، ئورۇلماي تۇرۇپلا باشقا ئوت-چۆپلەردىن بالدۇرلا قۇرۇپ كېتىدۇ.
13
خۇدانى ئۇنتۇغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇ قومۇشقا ئوخشاش بولىدۇ. ئىمانسىزلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ.
14
ئۇلارنىڭ ئىشىنىدىغىنى قىلدەك ئىنچىكە ئۆمۈچۈك تورىدۇر.
15
ئۇلار ئۆمۈچۈك تورىغا يۆلەنسە، ئۆمۈچۈك تورى ئۇلارنى يۆلەپ تۇرالماس، بايلىققا تايانسا، ئۇ تايانچ بولالماس.
16
ئۇلار خۇددى قۇياش نۇرىدا باراقسان ئۆسكەن ئۆسۈملۈكتەك باغنى قاپلايدۇ.
17
يىلتىزلىرى تاش دۆۋىلىرىگە چىرمىشىپ، تاشلار ئاستىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
18
لېكىن ئۇلار يۇلۇپ تاشلانسا، خۇددى ئۆسكەن يېرى ‹ئۇلارنى كۆرمىدۇق› دېگەندەك، ئۇلار مەۋجۇت بولمىغاندەك بولىدۇ.
19
مانا، ئىمانسىزلارنىڭ ئۆمۈرلۈك خۇشاللىقى شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى باشقىلار ئىگىلەيدۇ.
20
بەرھەق، خۇدا دۇرۇس ئادەملەرنى تاشلىمايدۇ، رەزىللەرنى يۆلىمەيدۇ.
21
پەرۋەردىگار سېنىڭ ئاغزىڭنى كۈلكىدىن يېپىلماس قىلىۋېتىدۇ، شادلىقىڭ ئۈزۈلمەيدۇ.
22
ساڭا نەپرەتلەنگەنلەر نومۇستا قالىدۇ، رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرى ۋەيران بولىدۇ.»
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 9 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42