bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 21
Job 21
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 20
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 22 →
1
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى:
2
«سۆزلىرىمنى ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەسەللىلىرىڭلار بولسۇن.
3
سۆزلىرىم تۈگىگۈچە چىداپ ئاڭلاڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن مەسخىرە قىلساڭلارمۇ ئۈلگۈرىسىلەر.
4
ئەجەبا مەن ئىنسانلاردىن ئاغرىنىۋاتىمەنمۇ؟ تاقەتسىزلىنىشكە سەۋەبىم بار.
5
مېنى كۆرسەڭلار ھەيران قالىسىلەر، ھاڭ-تاڭ بولۇپ، ئاغزىڭلارنى قولۇڭلاردا ئېتىۋالىسىلەر.
6
ئەھۋالىمنى ئويلىساملا قورقۇپ كېتىمەن، پۈتۈن بەدىنىمنى تىترەك باسىدۇ.
7
نېمە ئۈچۈن رەزىللەر ياشايدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، كۈچى زورىيىدۇ؟
8
ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى چوڭ بولۇپ، تۇرمۇشقا چىقىدۇ، نەۋرىلىرىنىڭمۇ ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقىنى كۆرىدۇ.
9
ئۇلارنىڭ ئائىلىسى خاتىرجەم، بىخەتەردۇر، ئۇلار خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ.
10
ئۇلارنىڭ بۇقىلىرى كۈچلۈكتۇر، ئىنەكلىرى زىنھار قىسىر قالمايدۇ ھەم بالىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
11
ئۇلارنىڭ بالىلىرى سىرتلاردا خۇددى قوي پادىلىرىدەك خۇشال ھالدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ.
12
ئۇلار داپ بىلەن لىراغا تەڭكەش قىلىشىپ ناخشا ئېيتىشىدۇ، نەي ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ.
13
ئۇلار بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشاپ، خاتىرجەم ھالدا باقىي دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.
14
ئۇلار خۇداغا: ‹بىزدىن نېرى بول، سېنىڭ يولۇڭنى ئۆگەنگۈمىز يوق.
15
كىمكەن ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا دېگەن، ئۇنىڭغا نېمىشقا ئىبادەت قىلغۇدەكمىز؟ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار ئىكەن› دېيىشىدۇ.
16
ئۇلار: ‹بەختىم ئۆز قولۇمدىن كەلگەن› دەپ ئويلايدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ پىكىرىگە قەتئىي قوشۇلمايمەن.
17
رەزىللەرنىڭ چىرىغى قاچان ئۆچۈپ باققان؟ ئۇلار قاچان بالا-قازاغا يولۇقۇپ باققان؟ خۇدانىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئۇلارنى قاچان جازالاپ باققان؟
18
ئۇلار قاچان شامالدا قالغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن توپاندەك بولۇپ باققان؟
19
سىلەر: ‹خۇدا جازاسىنى ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا بېرىدۇ› دەيسىلەر، ئەمما مەن: ‹ئۇلارنىڭ ئۆزىنى جازالاپ، جازانىڭ تەمىنى ئۆزلىرىگە تېتىتىپ باقسۇن!› دەيمەن.
20
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ تەمىنى ئۆزلىرى تېتىسۇن.
21
ئۇلارنىڭ ۋاقتى توشۇپ، دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ غېمىنى يېيەلمەيدۇ.
22
خۇدا ئەرشتىكى ئۇلۇغلارنىمۇ سوراققا تارتالايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇنىڭغا بىلىم بېرەلىسۇن؟
23
بەزىلەرنىڭ تاكى ئۆلگۈچە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، خاتىرجەم، راھەت-پاراغەتتە ياشايدۇ.
24
ئۇلارنىڭ قۇۋۋىتى تولۇق، سۆڭەكلىرى بەردەم بولىدۇ.
25
بەزىلەر ئۆلگۈچە ئازاب بىلەن ياشايدۇ، بەختنىڭ تەمىنى ئەسلا تېتىپ باقمايدۇ.
26
ھەر ئىككىلىسى تۇپراققا كۆمۈلۈپ، قۇرت-قوڭغۇزلارغا يەم بولىدۇ.
27
سىلەرنىڭ خىيالىڭلارنى، ماڭا ئۇۋال قىلىۋاتقان ھىيلە-مىكرىڭلارنى ياخشى بىلىمەن.
28
سىلەر ‹زالىم ھوقۇقدارلارنىڭ ئۆيى قەيەردە، رەزىللەرنىڭ چېدىرى نەگە كەتتى؟› دەپ سورايسىلەر.
29
ئەجەبا سىلەر يولۇچىلاردىن سوراپ باقمىغانمۇ؟ ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغانمۇ؟
30
شۇنداق، رەزىللەر ئاپەت كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ.
31
كىممۇ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىيەلىسۇن، كىممۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا لايىق جازاسىنى بېرىدۇ؟
32
ئۇلار قەبرىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى باقىدىغانلار چىقىدۇ.
33
ئۇلار سان-ساناقسىز ئۆلۈم ئۇزاتقۇچىلارنىڭ داغدۇغىسى بىلەن قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىلىدۇ، داق يەرمۇ ئۇنىڭ جەسىتىگە ئارام بېرىدۇ.
34
سىلەرنىڭ قۇرۇق گېپىڭلار ماڭا تەسەللى بېرەلەرمۇ؟ سىلەرنىڭ جاۋابىڭلار يالغانچىلىقتۇر.»
← Chapter 20
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 22 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42