bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 20
Job 20
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 19
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 21 →
1
نائامالىق زوفار مۇنداق دېدى:
2
«ئىچىم تىتىلداپ، بىئارام بولۇۋاتىمەن، گەپلىرىمنى دېۋالمىغۇچە خاتىرجەم بولالمايمەن.
3
مېنى ھاقارەتلەيدىغان ئەيىبلەشلىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەقلىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستاۋاتىدۇ.
4
قەدىمدىن تا ھازىرغىچە، دۇنياغا ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى،
5
گۇناھكارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى، ئىمانسىزنىڭ خۇشاللىقىنىڭ بىردەملىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭ؟
6
گەرچە ئۇنىڭ مەغرۇرلۇقى پەلەككە يەتسىمۇ، بېشى بۇلۇتقا تاقاشسىمۇ،
7
ئۇ خۇددى ئۆزىنىڭ پوقىدەك مەڭگۈ يوقىلىدۇ. ئۇنى تونۇغانلار: ‹ئۇ نەگە كەتتى؟› دەپ سورايدۇ.
8
ئۇ خۇددى چۈشتەك يوقايدۇ ۋە تاپقىلى بولمايدۇ، كېچىسى پەيدا بولغان خىيالدەك غايىب بولىدۇ.
9
ئۇنى كۆرگەنلەر قايتا كۆرەلمەيدۇ، يۇرتىدىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدۇ.
10
ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى يوقسۇللارغا تۆلەم بېرىپ، ھارام توپلىغان بايلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
11
گەرچە ئۇنىڭ تېنى ياشلىق كۈچىگە تولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تۇپراققا كۆمۈلىدۇ.
12
رەزىللىك ئۇنىڭغا تاتلىق تېتىغاچقا، ئۇنى تىلىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ،
13
ئاستا-ئاستا شۈمۈپ، تەمىنى تېتىيدۇ.
14
رەزىللىك قورسىقىدا ئاچچىققا ئۆزگىرىپ، زەھەرلىك يىلاننىڭ زەھىرىگە ئايلىنىدۇ.
15
ئۇ يۇتۇۋالغان بايلىقلارنى قۇسۇپ چىقىرىدۇ، خۇدا ئۇنى تەتۈر ئۆرۈپ قورسىقىنى تۆكىدۇ.
16
ئۇ كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ زەھىرىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئۇ زەھەرلىك يىلان تەرىپىدىن چېقىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
17
ئۇ توختىماي ئېقىپ تۇرغان بال ۋە سۈزمىدىن بەھرىلىنەلمەيدۇ.
18
ئۇ تاپقان پۇلىدىن پايدىلىنالماي قايتۇرۇپ، تۆلەمگە بېرىدۇ، سودا-سېتىق قىلىپ تاپقان بايلىقلىرىدىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ.
19
چۈنكى ئۇ يوقسۇللارنى ئەزدى، كارى بولماي تاشلىۋەتتى، باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالدى.
20
ئۇ ئىنتايىن ئاچ كۆز ئىدى، ئۇنىڭ بايلىقى ئۇنى قۇتقۇزالمىدى.
21
ئۇ ھەممىنى يۇتۇۋالغاچقا ھېچنېمە قالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بەخت-سائادىتى ئۇزاققا بارمايدۇ.
22
ئۇنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا ئازابقا يولۇقىدۇ، ھەر خىل بالا-قازا سوڭدىشىپلا كېلىدۇ.
23
ئۇ ئۆز قورسىقىنى تويدۇرغاندا، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپ ئوتىنى چاچىدۇ، ئۈستىگە زەربىلىرىنى ياغدۇرىدۇ.
24
ئۇ تۆمۈر تىغدىن قۇتۇلۇپ قالسىمۇ، بىراق تۇچ ئوق ئۇنى تېشىپ ئۆتىدۇ.
25
ئۆتكۈر يا ئوقى دۈمبىسىدىن تېشىپ چىققاندا، پارقىراق ئوق بېشى ئۆت خالتىسىنى يىرتىپ ئۆتكەندە، ئۇنى ۋەھىمە باسىدۇ.
26
ئۇنىڭ بايلىقلىرى زۇلمەت ئىچىدە غايىب بولىدۇ، ئىلاھىي ئوت ئۇنى يالماپ يۇتىدۇ، چېدىرىدىكى نەرسىلىرىنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدۇ.
27
ئاسمان ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئاشكارىلايدۇ، زېمىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى ئەيىبلەيدۇ.
28
خۇدانىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى كەلكۈن ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلىدۇ.
29
بۇ خۇدانىڭ رەزىللەرگە بېرىدىغان ئاقىۋىتىدۇر، ئۇلارغا بېرىدىغان نېسىۋىسىدۇر.»
← Chapter 19
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 21 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42