bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 27
Job 27
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 26
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 28 →
1
ئاندىن ئايۇپ يەنە مۇنداق دېدى:
2
«ماڭا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغان ھەممىگە قادىر خۇدا ۋە قەلبىمنى قايغۇ-ھەسرەتكە تولدۇرغان مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
3
تېنىمدا جېنىم ۋە خۇدا ئاتا قىلغان تىنىقىم بولسىلا،
4
يامان سۆزلەر چىقماس ئاغزىمدىن، يالغانچىلىق بولماس تىلىمدا.
5
ھېچقاچان سىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىڭلارنى ھەق دەپ قارىمايمەن، ئۆلگۈچە ئۆزۈمنىڭ ئەيىبسىز ئىكەنلىكىمدە چىڭ تۇرىمەن.
6
ئۆزۈمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدە تەۋرەنمەيمەن، مەيدانىمدىن ۋاز كەچمەيمەن، كۆڭلۈم مېنى ھەرگىز ئەيىبلىمەيدۇ.
7
دۈشمەنلىرىمنىڭ تەقدىرى رەزىللەرنىڭكىدەك بولغاي، مەن بىلەن قارشىلاشقانلارنىڭ ئاقىۋىتى گۇناھكارلارنىڭكىدەك بولغاي.
8
ئىمانسىزلار يوقىتىلىپ، خۇدا ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلاردا يەنە قانداق ئۈمىد بولسۇن؟
9
بالايىئاپەت ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە، خۇدا ئۇلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالارمۇ؟
10
ئۇلار ھەممىگە قادىر خۇدادىن خۇشاللىق تاپالامدۇ؟ ئۇلار ھەر ۋاقىت خۇداغا يېلىنىپ تۇرامدۇ؟
11
خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سىلەرگە چۈشەندۈرەي، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى سىلەردىن يوشۇرمايمەن.
12
ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا بىمەنە گەپلەرنى قىلىسىلەر؟
13
تۆۋەندىكىلەر خۇدانىڭ رەزىللەرنىڭ بېشىغا سالغانلىرىدۇر، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ زوراۋانلارغا بەرگەن جازاسىدۇر.
14
ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى قانچە كۆپ بولسىمۇ بەرىبىر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېچقاچان تويۇپ ئۆتمەيدۇ.
15
ئامان قالغانلىرى ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ، تۇل قالغان ئاياللىرى ئۇلارغا ھازا تۇتالمايدۇ.
16
گەرچە ئۇلارنىڭ قۇم دۆۋىلىرىدەك ھەددى-ھېسابسىز كۈمۈشلىرى، لاي دۆۋىلىرىدەك سان-ساناقسىز كىيىم-كېچەكلىرى بولسىمۇ،
17
ئۇ كىيىملەرنى ھەققانىيلار كىيىدۇ، كۈمۈشلىرىنى گۇناھسىزلار خەجلەيدۇ.
18
رەزىللەرنىڭ سالغان ئۆيلىرى ئۆمۈچۈك تورىدەك ئاجىز، ئېتىزدىكى كەپىدەك ئىشەنچسىزدۇر.
19
ئۇلار بۈگۈن ئاخشام ئۇخلىغاندا باي بولسا، ئەتىسى كۆزىنى ئاچقاندا نامراتتۇر!
20
قورقۇنچ ئۇلارنى كەلكۈندەك باسىدۇ، بوران چاپقۇن كېچىدە ئۇلارنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ.
21
شەرق شامىلى ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ئۆز ئورنىدىن ئېلىپ كېتىدۇ.
22
ئۇلار شامالنىڭ كۈچىدىن قورقۇپ قاچقاندا، شامال ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ.
23
دەھشەتلىك بوران ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ، پۇشتەك چېلىپ ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.»
← Chapter 26
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 28 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42