bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 36
Job 36
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 35
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 37 →
1
ئەلىھۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى:
2
«ماڭا يەنە ئازراق ۋاقىت بەرگىن، مەن ساڭا چۈشەندۈرەي. خۇدا ئۈچۈن دەيدىغان سۆزلىرىم بار.
3
مەن كۆپ تەرەپتىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مېنى ياراتقان خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلايمەن.
4
سۆزلىرىم ئاساسسىز ئەمەستۇر، مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بىرى يېنىڭدا تۇرۇپتۇ.
5
خۇدا بۈيۈكتۇر، ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ. خۇدا بۈيۈكتۇر، ئۇ ئىرادىسىدىن يانمايدۇ.
6
ئۇ رەزىللەرنىڭ ياشىشىغا يول قويمايدۇ، يوقسۇللارغا ئادالەت بېرىدۇ.
7
ئۇ داۋاملىق ھەققانىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ھۆكۈمرانلار قاتارىدا ئېسىل ئورۇنلاردا ئولتۇرغۇزۇپ، مەڭگۈ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ.
8
ئەگەر ئۇلار كىشەنلىنىپ، ئازاب تانىلىرىدا باغلانغان بولسا،
9
خۇدا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە تەكەببۇرلۇقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.
10
ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ تەلىم بېرىدۇ، يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.
11
ئەگەر ئۇلار خۇداغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلسا، بىر ئۆمۈر بەختلىك بولۇپ، كۈنلىرىنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.
12
لېكىن ئۇلار خۇداغا بويسۇنمىسا، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، بىلىمسىز ھالدا ھالاك بولىدۇ.
13
ئىمانسىزلارنىڭ قەلبى غەزەپكە تولغان بولىدۇ، جازالانسىمۇ شاپائەت تىلىمەيدۇ.
14
ئۇلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ، ھاياتى نومۇس ئىچىدە تۈگىشىدۇ.
15
خۇدا ئازابلانغانلارنى ئازابلىرى ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ، مۈشكۈلاتلار ئارقىلىق قۇلاقلىرىنى ئاچىدۇ.
16
خۇدا سېنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ، ئېسىل تائاملار بىلەن ھۇزۇرلاندۇرۇشنى خالايتتى.
17
لېكىن سەن ھازىر رەزىللەرگە ئوخشاش جازايىڭنى تارتىۋاتىسەن. خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.
18
ئاگاھ بول، ھېچكىم سېنى بايلىقى بىلەن ئازدۇرمىسۇن، ئالغان پاراڭنىڭ كۆپلۈكى سېنى ھەق يولدىن ياندۇرمىسۇن.
19
ئەجەبا، بايلىقلىرىڭ ۋە ئۆز كۈچۈڭ سېنى مۈشكۈلاتتىن قۇتۇلدۇرالامدۇ؟
20
تۈننىڭ كېلىشىنى، يەنى خەلق ھالاك بولىدىغان ۋاقىتنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلما.
21
ئاگاھ بول، گۇناھ يولىنى تۇتما! چۈنكى خۇدا سېنى بۇ يولدا ماڭمىسۇن دەپ، بېشىڭغا بۇ ئازابنى چۈشۈردى.
22
قارا، خۇدا ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ. كىممۇ ئۇنىڭدەك ئىنسانغا تەلىم بېرەلەيدۇ؟
23
كىم ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ‹سەن خاتا قىلدىڭ› دەپ ئېيتالايدۇ؟
24
سەن ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ماختاشنى ئۇنتۇما، كىشىلەر ئۇنىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقاندۇر.
25
خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى پۈتكۈل ئىنسان كۆردى، كىشىلەر يىراقتىن نەزەر سالماقتا.
26
خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە قادىر ئەمەسمىز، ئۇنىڭ يىللىرىنى سانىغىلى بولمايدۇ.
27
خۇدا سۇ تامچىلىرىنى يىغىپ، ئۇنى يامغۇرغا ئايلاندۇرىدۇ.
28
بۇلۇتلاردىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئىنسانلارنى ئۇنىڭدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
29
ئۇنىڭ بۇلۇتلارنى تارقىتىپ، ئۆز ماكانىدا تۇرۇپ چاقماق چاقتۇرۇشىنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟
30
ئۇنىڭ تۆت ئەتراپقا ياندۇرغان چاقماقلىرى دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىنىمۇ يورۇتالايدۇ.
31
خۇدا مۇشۇنداق كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خەلقلەرنى باشقۇرۇپ، ئۇلارغا مول تائام ئاتا قىلىدۇ.
32
ئۇ چاقماقنى قوللىرىغا ئېلىپ، بەلگىلەنگەن نىشانغا ئېتىلىشىغا ئەمر قىلىدۇ.
33
گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشى بوراننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى جاكارلايدۇ، ھەتتا بۇنى كالىلارمۇ سېزەلەيدۇ.»
← Chapter 35
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 37 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42