bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 38
Job 38
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 37
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 39 →
1
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قۇيۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئايۇپقا مۇنداق دېدى:
2
«مېنىڭ دانالىقىمنى ئەقىلسىزلىقى بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقان كىم؟
3
سەن بېلىڭنى چىڭ باغلاپ، ئەركەكتەكتۇر! مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن.
4
مەن زېمىننىڭ ئۇلىنى قۇرغان ۋاقتىمدا سەن نەدە ئىدىڭ؟ ئەگەر سەن شۇنچە ئەقىللىق بولساڭ، ماڭا ئېيتقىن.
5
زېمىننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كىمنىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ كىم ئۆلچەم تانىسى بىلەن ئۇنى ئۆلچەپ چىقالىدى؟
6
زېمىننىڭ ئاستىنى نېمە تىرەپ تۇرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇلىنى كىم قويدى؟
7
ئۇ چاغدا سۈبھىدىكى يۇلتۇزلار ناخشا ئېيتىپ، ئەرشتىكى پۈتكۈل زاتلار خۇشاللىققا چۆمگەنىدى.
8
دېڭىز ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئېتىلىپ چىققاندا، ئۇنىڭ چېگراسىنى كىم بەلگىلىگەنىدى؟
9
دېڭىزنى بۇلۇتلار بىلەن يېپىپ، ئۇنى قاراڭغۇلۇق بىلەن ئوراپ قويغان مەن ئىدىم.
10
ئۇنىڭغا چېگرا بەلگىلەپ، دەرۋازىنى يېپىپ، بالداقلىرىنى تاقاپ،
11
‹بولدى قىل، پاسىلىڭدىن ئېشىپ كەتمە، ئەسەبىي دولقۇنلىرىڭمۇ مۇشۇ يەردە توختىسۇن!› دېدىم.
12
سەن ئۆمرۈڭدە تاڭنىڭ ئېتىشىغا بۇيرۇق بېرىپ، سەھەر نۇرىغا ئورۇن ھازىرلاپ،
13
زېمىنغا قۇياش نۇرىنى چېچىپ، رەزىللەرنى يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن چىقىرىپ باقتىڭمۇ؟
14
خۇددى پاتقاققا بېسىلغان تامغا نېپىز رەخت ئاستىدىن كۆرۈنگەندەك، نۇر زېمىننى يورۇتقاندا جىلغا ۋە تاغلار ئېنىق كۆرۈنىدۇ.
15
نۇر رەزىللەر ياخشى كۆرگەن قاراڭغۇلۇقنى قوغلىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلىشقا كۆتۈرگەن قوللىرى سۇندۇرۇلىدۇ.
16
ئەي ئايۇپ، سەن دېڭىزنىڭ تەكتىدىكى بۇلاقلارغا بېرىپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر تېگىگە يېتىپ باققانمۇ؟
17
ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ساڭا كۆرۈنۈپ باققانمۇ؟ زۇلمەت دەرۋازىلىرىنى سەن كۆرۈپ باققانمۇ؟
18
زېمىننىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلەمسەن؟ ئەگەر بىلسەڭ، ماڭا دەپ بەر.
19
قايسى يول سېنى نۇرنىڭ ماكانىغا باشلاپ بارىدۇ؟ قاراڭغۇلۇقنىڭ مەنبەسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسەن؟
20
سەن ئۇلارنى ئۆز ماكانلىرىغا ئېلىپ بارالامسەن؟ سەن ئۇ يەرلەرگە تۇتىشىدىغان يوللارنى بىلەمسەن؟
21
سەن ئۆزۈڭچە مەن بىلىمەن، ئۇ چاغدا مەن تۇغۇلۇپ بولغان، دەپ ئويلامسەن؟ ئۇنداقتا، سەن ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپسەن-دە!
22
لېكىن سەن قار ئامبارلىرىغا كىرىپ باققانمىدىڭ، ياكى مۆلدۈر ئامبارلىرىنى كۆرگەنمىدىڭ؟
23
مەن ئۇلارنى كېلىدىغان ئاپەتلەر، بولىدىغان جەڭ-ئۇرۇشلار ئۈچۈن ساقلاپ قويغانىدىم.
24
چاقماق مەنبەسىگە ئېلىپ بارىدىغان يول قېنى؟ شەرق شامىلى قايسى تەرەپتىن زېمىنغا ئۇرۇلدى؟ شەرق شامىلىنىڭ چىقىدىغان جايى قەيەردە؟
25
كىم يامغۇر سۈيى ئۈچۈن ئۆستەڭ چېپىپ، چاقماق ئۈچۈن يول ئاچتى؟
26
كىم يامغۇر سۈيىنى ئىنسان يوق قاقاسلىققا، ئادەم تۇرمايدىغان باياۋانغا باشلاپ كېلىپ،
27
چاڭقىغان يەرلەرنى سۇغا قاندۇرۇپ، ئۇ يەردىن گىياھلارنى ئۆستۈردى؟
28
يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟ شەبنەمنى كىم تۇغدى؟
29
مۇز كىمنىڭ ھامىلىسى؟ ئاسماندىن چۈشكەن قىروۋلارنى كىم تۇغدى؟
30
سۇ تاشتەك قاتتىق قېتىپ، دېڭىزنىڭ ئۈستى مۇزغا ئايلىنىدۇ.
31
سەن ئۈكەر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارنى بىر-بىرىگە چېتىپ، ئورىيون يۇلتۇز تۈركۈمىنى باغلاپ تۇرغان تۈگۈچنى يېشەلەمسەن؟
32
سەن يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى پەسىللەر بويىچە ئېلىپ چىقىپ، چوڭ ئېيىق ۋە كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارغا يول كۆرسىتەلەمسەن؟
33
ئەرشتىكى بەلگىلەنگەن قانۇنىيەتلەرنى بىلەمسەن؟ زېمىننى ئەرشنىڭ قانۇنىغا بويسۇندۇرالامسەن؟
34
بۇلۇتلارغا بۇيرۇق قىلىپ، ئۈستۈڭگە قاتتىق يامغۇر ياغدۇرالامسەن؟
35
چاقماقلارغا بۇيرۇق قىلالامسەن؟ ئۇلار: ‹خوپ، بىز تەييار!› دەپ، ئالدىڭغا يۈگۈرۈپ كېلەمدۇ؟
36
كىم تۇرنىغا ئەقىل بېرىپ، خورازغا پاراسەت ئاتا قىلغان؟
37
بۇلۇتلارنى ساناشقا كىمنىڭ ئەقلى يېتىدۇ؟ توپىلارنى قاتتىق يەرگە ئايلاندۇرۇش، داڭگاللارنى بىر-بىرىگە يېپىشتۇرۇش ئۈچۈن كىم پەلەكنىڭ كۈپلىرىنى ئاغدۇرۇپ، يامغۇر ياغدۇرالايدۇ؟
39
ئۆڭكۈردە ياتقان ياكى پىنھاندا مۆكۈنۈپ ياتقان شىر ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاپ، ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تويدۇرالامسەن؟
41
قۇزغۇننىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ، خۇداغا نالە قىلغاندا، كىم قۇزغۇنغا يەم بېرىدۇ؟
← Chapter 37
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 39 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42