bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 33
Job 33
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 32
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 34 →
1
«ئەي ئايۇپ، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىن.
2
مەن ئېغىزىم ئېچىپ سۆزلەي، سۆزلەر تىلىمنىڭ ئۇچىدا تىزىلىپ تۇرۇپتۇ.
3
سۆزلىرىم پاك قەلبىمدىن چىقىدۇ، ئېغىزىم سەمىمىيەتنى سۆزلەيدۇ.
4
خۇدانىڭ روھى مېنى ياراتتى، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ نەپىسى ماڭا ھايات بەردى.
5
ئەگەر قولۇڭدىن كەلسە ماڭا رەددىيە بەرگىن. ئورنۇڭدىن دەس تۇرۇپ، مەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىن.
6
خۇدانىڭ ئالدىدا پەرقىمىز يوقتۇر، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش لايدىن يارىتىلدىم.
7
شۇڭا سەن مەندىن قورقمىغىن، مەن ساڭا بېسىم قىلمايمەن.
8
گەپلىرىڭ قۇلىقىمغا كىردى، ھەممە سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم.
9
مەن سېنىڭ: ‹مەن پاك، گۇناھسىزمەن، مەن ھېچقانداق يامانلىق قىلمىدىم، ئەيىبسىزمەن،
10
خۇدا پەقەت خاتالىقلىرىمنى تاللاپ، مەن بىلەن دۈشمەنلەشتى.
11
ئۇ پۇتلىرىمنى كىشەنلەپ، ھەممە يولۇمنى كۆزەتتى› دېگىنىڭنى ئاڭلىدىم.
12
لېكىن مەن ساڭا جاۋاب بېرەي، سۆزلىرىڭ يولسىزلىقتۇر، چۈنكى خۇدا ئىنسانلاردىن بۈيۈكتۇر.
13
سەن نېمىشقا خۇدادىن ئاغرىنىسەن، نېمىشقا ئۇنى ‹ئەرزلىرىمگە جاۋاب بەرمەيدۇ› دەيسەن؟
14
خۇدا ھەر خىل ئۇسۇلدا سۆزلەيدۇ، ئەمما ئادەم بىلمەيدۇ.
15
كىشىلەر تۆشىكىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە، خۇدا چۈش ۋە غايىبانە ئالامەتلەردە
16
ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن قورقۇتۇپ،
17
گۇناھلاردىن يىراقلاشتۇرىدۇ، تەكەببۇرلۇقتىن ساقلايدۇ.
18
روھلىرىنى چوڭقۇر گۆردىن، ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالىدۇ.
19
خۇدا ئىنسانلارغا ئاغرىق بېرىپ، ئۇستىخانلىرىنى سىرقىرىتىپ ئاغرىتىپ تەربىيەلەيدۇ.
20
ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، لەززەتلىك تائاملاردىنمۇ بىزار بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
21
ئادەم كۈنسېرى ئورۇقلاپ، قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالىدۇ.
22
روھى گۆر ئېغىزىغا، ھاياتى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ.
23
ئەگەر مىڭلىغان پەرىشتىلەر ئىچىدىن بىرى كېلىشتۈرگۈچى بولۇپ، ئادەمگە ياردەملىشىپ، دۇرۇس يولنى ئۆگەتسە
24
ۋە ئىچ ئاغرىتىپ خۇداغا: ‹ئى خۇدا، ئۇنى قەبرىدىن قۇتقۇزغىن، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەش يولىنى تاپتىم› دېسە،
25
ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەت-تېرىلىرى خۇددى بالىلارنىڭكىدەك يۇمرانلىشىپ، ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ.
26
ئۇ دۇئا قىلسا، خۇدا خۇرسەن بولىدۇ. ئۇ خۇشال ھالدا خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنە بىر قېتىم ھەققانىي ئادەمگە ئايلىنىدۇ.
27
ئۇ خۇشاللىقىدىن كىشىلەر ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ: ‹مەن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بولساممۇ، خۇدا مېنى گۇناھىمغا لايىق جازالىمىدى،
28
ئۇ مېنى قۇتقۇزۇپ، ئۆلۈمدىن خالاس قىلىپ، ھاياتىمغا يورۇقلۇق ئاتا قىلدى› دەيدۇ.
29
شۇنداق، خۇدا ئىنسانلار ئۈچۈن كۆپ قېتىم شۇنداق قىلىدۇ، بىر قېتىم ئەمەس، ئىككى قېتىم ئەمەس، كۆپ قېتىم قىلىدۇ.
30
ئۇ ئىنسانلارنى گۆر ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ، ھاياتىنى پارلاق نۇرغا چۆمدۈرمەكتە.
31
ئەي ئايۇپ، سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغىن، ئۈن چىقارما، مەن سۆزلەي.
32
ئەگەر سۆزۈڭ بولسا ماڭا دېگىن، گەپ قىلغىن، مەن سېنىڭ گۇناھتىن ئاقلانغىنىڭنى كۆرگۈم بار.
33
گېپىڭ بولمىسا سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن، ئۈن چىقارما، مەن ساڭا دانالىقنى ئۆگىتەي.»
← Chapter 32
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 34 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42