bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 32
Job 32
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 31
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 33 →
1
ئايۇپنىڭ ئۆزىنى گۇناھسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرگەن بۇ ئۈچ دوستى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن توختىدى.
2
شۇ چاغدا رام جەمەتىدىن بولغان بۇزلۇق باراكئېلنىڭ ئوغلى ئەلىھۇنىڭ ئايۇپقا ئاچچىقى كەلدى. چۈنكى ئايۇپ ئۆزىنى ھەقلىق دەپ قاراپ، خۇدادىن ئاغرىنغانىدى.
3
ئۇنىڭ ئايۇپنىڭ بۇ ئۈچ دوستىغىمۇ ئاچچىقى كەلدى. چۈنكى ئۇلار ئايۇپقا رەددىيە بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنى ئەيىبلەپ تۇراتتى.
4
ئەلىھۇنىڭ يېشى ئۇلاردىن كىچىك بولغانىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن كېيىن پىكىر بايان قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغانىدى.
5
بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئايۇپنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى.
6
بۇزلۇق باراكئېلنىڭ ئوغلى ئەلىھۇ مۇنداق دېدى: «مەن ياش، سىلەر مەندىن چوڭ بولغاچقا، قاراشلىرىمنى بايان قىلىشقا پېتىنالمىغانىدىم.
7
يېشى چوڭلار سۆزلىسۇن، تەجرىبىلىكلەر ئەقىل-پاراسەتلىك بولىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم.
8
لېكىن ئىنسانغا ئەقىل-پاراسەت بېرىدىغىنى ئىنساندىكى روھتۇر، يەنى ھەممىگە قادىر خۇدادىن كەلگەن نەپەستۇر.
9
ياشانغانلارنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇشى، يېشى چوڭلارنىڭ ھەق-ناھەقنى چۈشىنىشى ناتايىن.
10
شۇڭا سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. مەنمۇ قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ باقاي.
11
سىلەر سۆزلىگەندە جىم تۇردۇم، سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىدىم. ھەربىر ھېكىمەتلىك سۆزلەر ھەققىدە ئويلانغىنىڭلاردا كۈتۈپ تۇردۇم.
12
مەن ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ھېچقايسىڭلارنىڭ ئايۇپقا رەددىيە ۋە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىڭلارنى بايقىدىم.
13
سىلەر ‹بىز ئەقىل تاپتۇق، ئايۇپنى بىز ئەمەس بەلكى خۇدا قايىل قىلسۇن› دېمەڭلار.
14
ئايۇپ مەن بىلەن مۇنازىرىلىشىپ باقمىدى، مەن ئۇنىڭغا سىلەرگە ئوخشاش جاۋاب بەرگۈم يوق.
15
ئەي ئايۇپ، ئۇلار ھودۇقۇپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي جىمىپ قالدى، دېيىشكە گەپمۇ تاپالمىدى.
16
ئەجەبا ئۇلار زۇۋان سۈرمەي، جىمىپ قالسا، مەنمۇ كۈتۈپ تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟
17
مەن جاۋاب بېرىشىم، ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىشىم كېرەك.
18
ئىچىم گەپكە توشۇپ كەتتى، روھىم مېنى سۆزلەشكە ئۈندىمەكتە.
19
ئىچىم يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشاپ قالدى. خۇددى شارابقا لىق تولغان تۇلۇمدەك يېرىلىپ كېتەي دېدىم.
20
مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم، سۆزلىمىسەم بولمايدۇ، ئېغىز ئېچىپ جاۋاب بەرگۈم بار.
21
مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايمەن ھەم ھېچكىمگە خۇشامەت قىلمايمەن.
22
مەن خۇشامەت قىلىشقا ماھىر ئەمەسمەن. ئەگەر خۇشامەت قىلىشقا ماھىر بولغان بولسام، ياراتقۇچىم مېنى بىردەمدىلا يوق قىلىۋېتەتتى.»
← Chapter 31
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 33 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42