bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 39
Job 39
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 38
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 40 →
1
تاغ ئۆچكىسىنىڭ قاچان ئوغلاقلايدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئانا بۇغىنىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟
2
ئۇلارنىڭ قانچە ۋاقىت قورساق كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئۇلارنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟
3
ئۇلار تىزلىنىپ تۇغىدۇ، بالىلىرىنى دۇنياغا كەلتۈرىدۇ.
4
بالىلىرى يېتىلىپ، قاقاس دالادا چوڭ بولۇپ، ئۆز توپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قايتا قايتىپ كەلمەيدۇ.
5
كىم ياۋايى ئېشەكنى ئەركىنلىككە چىقىرىدۇ؟ كىم ئۇنىڭ ئارغامچىسىنى يېشىدۇ؟
6
مەن ئۇنىڭغا كەڭ دالانى ئائىلە، شورلۇقلارنى ماكان قىلىپ بەردىم.
7
ئۇ شەھەردىكى شاۋقۇن-سۈرەنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھارۋىكەشلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلىمايدۇ.
8
ئۇ تاغ تىزمىلىرىنى يايلاق قىلىپ، يېشىل ئوت-چۆپلەرنى ئىزدەيدۇ.
9
ياۋايى بۇقا خىزمىتىڭدە بولۇشقا رازى بولامدۇ؟ ئېغىلىڭدا كېچىنى ئۆتكۈزۈشنى خالامدۇ؟
10
ياۋايى بۇقىنى ساپانغا قاتالامسەن؟ ئۇ سەن بىلەن جىلغىدا يەر ئاغدۇرۇشقا كۆنەمدۇ؟
11
ئۇنىڭ كۈچىگە تايىنالامسەن؟ ئېغىر ئىشلىرىڭنى ئۇنىڭغا قىلدۇرالامسەن؟
12
ئۇنىڭ بىلەن ھوسۇلۇڭنى يىغىپ، خامانغا ئەكېلىشكە ئىشىنەلەمسەن؟
13
تۆگىقۇش قانات قاققىنى بىلەن لەيلەكتەك ئۇچالامدۇ؟
14
ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تۇغۇپ، تۇخۇملىرىنى قۇمنىڭ ئىسسىقىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
15
لېكىن تۇخۇمىنىڭ يانجىلىپ كېتىشىنى ياكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ دەسسىۋېتىشىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
16
تۆگىقۇش ئۆز بالىلىرىغا رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىدۇ، خۇددى بالىلىرى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك ئىش قىلىدۇ. ئۇ تۇغۇتى بىھۇدە ئىشتەك تۇغۇتىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ.
17
چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلمىغان، ئىدراك بەرمىگەنىدىم.
18
لېكىن ئۇ قانىتىنى كېرىپ يۈگۈرسە، ئات ۋە چەۋەندازلار مەسخىرىگە قالىدۇ.
19
ئاتقا كۈچنى سەن ئاتا قىلغانمىدىڭ؟ بوينىدىكى يالىنى سەن ياپقانمىدىڭ؟
20
ئۇنى چېكەتكىدەك تاقلىتىپ، قورقۇنچلۇق كىشنەتكەن سەنمۇ؟
21
ئۇ جىلغىدا يەرنى تاتىلاپ، ھەيۋە بىلەن جەڭگە ئېتىلىدۇ.
22
ئۇ قورقۇنچنى مەنسىتمەيدۇ، قىلچە قورقمايدۇ، قىلىچتىن يانمايدۇ.
23
ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئوقدان جاراڭشىيدۇ، نەيزىلەر يالت-يۇلت قىلىپ چاقنايدۇ.
24
بۇرغا چېلىنىشى بىلەن ئۇ ئورنىدا جىم تۇرالمايدۇ، ئەسەبىيلىشىپ، چېپىشقا ئالدىراپ يەرنى تېپچەكلەيدۇ.
25
ئۇ بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىشى بىلەن كىشنەيدۇ. ئۇ يىراقتىنلا ئۇرۇشنىڭ پۇراقلىرىنى پۇراپ، سەركەردىلەرنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ۋە چۇقان-سۈرەنلەرنى ئاڭلايدۇ.
26
قۇرغۇيلار قانات قېقىپ، جەنۇبقا ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئەجەبا بۇمۇ سېنىڭ ئەقلىڭمۇ؟
27
بۈركۈتلەر تېز كۆتۈرۈلۈپ، ئېگىز جايلارغا ئۇۋا سالىدۇ. ئەجەبا بۇمۇ سېنىڭ بۇيرۇقۇڭمۇ؟
28
ئۇ ئېگىز ھاڭلاردا ماكان تۇتۇپ، قىيا تاش، تىك يارلارغا بېكىنىۋالىدۇ.
29
ئۇ شۇ يەرلەردىن نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىدۇ. ئوزۇق ئۈچۈن ئوۋ ئىزدەيدۇ.
30
ئۇنىڭ بالىلىرى قان شورايدۇ، نەدە تاپ بولسا ئۇ شۇ يەردە يۈرىدۇ.»
← Chapter 38
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 40 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42