bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 11
2 Chronicles 11
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 12 →
1
رىخوبئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىمالدىكى ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن 180 مىڭ سەرخىل لەشكەرنى توپلىدى.
2
بىراق پەرۋەردىگار شىمايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:
3
_ سەن بېرىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىگە:
4
«پەرۋەردىگار: ‹سىلەر قېرىندىشىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ھەممىڭلار ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار! چۈنكى بۇ ئىشنى مەن قىلدىم› دەيدۇ» دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، ياروبئامغا قارشى ئۇرۇش قىلماي، قايتىپ كېتىشتى.
5
رىخوبئام يېرۇسالېمدا ياشىدى. ئۇ يەھۇدىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملىدى.
6
ئۇ بەيتلەھەم، ئېتام، تىقوۋا،
7
بەيتزۇر، سوكوھ، ئادۇللام،
8
گات، مارېشا، زىف،
9
ئادورايىم، لاكىش، ئازېقا،
10
زورئاھ، ئاييالون ۋە ھىبرون شەھەرلىرىنى ئوڭشىدى. بۇلار يەھۇدا ۋە بىنيامىن تەۋەلىكىدىكى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە ئايلاندى.
11
رىخوبئام شەھەرلەرنىڭ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملەپ، سەركەردىلەرنى ئەۋەتتى. شەھەرلەرنى يېمەك-ئىچمەك، زەيتۇن يېغى، شارابلار بىلەن تەمىنلىدى.
12
ھەرقايسى شەھەرگە قالقان ۋە نەيزىلەرنى توپلاپ، شەھەر مۇداپىئەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنى ئۇنىڭ قولىدا قالدى.
13
شىمالىي قەبىلىلەردىكى، يەنى ئىسرائىلىيەدىكى روھانىيلار ۋە لاۋىيلار رىخوبئامنىڭ تەرەپدارلىرى بولدى.
14
ئۇلار ھەتتا ئۆي ۋە زېمىنلىرىنى تاشلاپ، يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلىرىگە كۆچۈپ كەلدى. چۈنكى ياروبئام ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇلارنىڭ روھانىي بولۇپ، پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشىغا يول قويمىغانىدى.
15
ياروبئام غەيرىي سەجدىگاھلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ياروبئام ياساتقان تېكە ۋە موزاي بۇتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى.
16
شىمالىي قەبىلىلەردىكى پەرۋەردىگار خۇداغا چىن قەلبىدىن تەلپۈنىدىغانلار لاۋىيلارغا ئەگىشىپ، يېرۇسالېمغا كەلدى. چۈنكى ئۇلار ئۇ يەردە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلالايتتى.
17
ئۇلار يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئامغا ئۈچ يىل سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇلار داۋۇت ۋە سۇلايمان ماڭغان يولدا ماڭدى.
18
رىخوبئام داۋۇتنىڭ ئوغلى يىرىموتنىڭ قىزى ماخالاتقا ئۆيلەندى. ماخالاتنىڭ ئانىسى ئابىھايىل يىشاينىڭ ئوغلى بولغان ئەلىئابنىڭ قىزى ئىدى.
19
ماخالات رىخوبئامغا يىئۇش، شىماريا، زاھام ئىسىملىك ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى.
20
كېيىن رىخوبئام ئابسالومنىڭ قىزى مائاكانى ئەمرىگە ئالدى. ئۇ ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شىلومىتنى تۇغدى.
21
رىخوبئامنىڭ جەمئىي 18 ئايالى، 60 توقىلى، 28 ئوغلى، 60 قىزى بار ئىدى. رىخوبئام ئاياللىرى ۋە توقاللىرىنىڭ ئىچىدە مائاكانى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى.
22
شۇڭا ئۇ ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئابىيانى شاھزادىلەرنىڭ ئىچىدىن ۋەلىئەھد قىلىپ تەيىنلىدى.
23
رىخوبئام ئاقىلانە ئىش قىلىپ، بەزى شاھزادىلەرنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى يېتەرلىك تەمىناتقا ئىگە قىلدى ۋە ئۇلارغا ئايال ۋە توقاللارنى ئېلىپ بەردى.
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 12 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36