bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 26
2 Chronicles 26
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 25
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 27 →
1
پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى 16 ياشلىق ئۇززىيانى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
2
ئامازيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى يەھۇدىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى ۋە شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.
3
ئۇززىيا تەختكە چىققان چاغدا 16 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 52 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىكوليا ئىدى.
4
ئۇززىيا ئاتىسى ئامازياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.
5
زىكىرىيا ئۇززىياغا خۇدانىڭ يولىدا مېڭىشنى ئۆگەتتى. ئۇززىيا زىكىرىيا ھايات ۋاقتىدا خۇداغا ئىنتىلدى ۋە خۇدامۇ ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.
6
ئۇززىيا فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، گات، يابنېھ ۋە ئاشدود شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ ئاشدود زېمىنىدا ۋە فىلىستىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا يېڭىدىن شەھەرلەرنى قۇردى.
7
ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن فىلىستىيەلىكلەرنى، مىئۇنلارنى ۋە گۇربائالدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلدى.
8
ئاممونلار ئۇززىياغا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرىدىغان بولدى. ئۇززىيا ناھايىتى كۈچىيىپ، شۆھرىتى تاكى مىسىرغىچە يېتىپ باردى.
9
ئۇززىيا يېرۇسالېمنىڭ «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»، «جىلغا دەرۋازىسى» ۋە سېپىلنىڭ ئايلانمىسىغا مۇستەھكەم مۇنارلارنى سالدى.
10
ئۇ يەنە دالالارغا كۆزىتىش مۇنارلىرىنى ياساتتى. سۇ ساقلاش ئۈچۈن يەر ئاستىغا نۇرغۇن سۇ ئامبارلىرىنى قازدۇردى، چۈنكى غەربىي ئېدىرلىقتا ۋە تۈزلەڭلىكتە ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋىلىرى بار ئىدى. ئۇ دېھقانلارنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ، تاغلىق رايونلاردا ۋە مۇنبەت يەرلەردە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا سالدى. ئۇ دېھقانچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىكنى ياخشى كۆرەتتى.
11
ئۇززىيانىڭ قىسىملارغا بۆلۈنگەن ھەم جەڭگە تەييار قوشۇنلىرى بار ئىدى. پۈتۈكچى يىئىئېل ۋە ئەمەلدار مائاسېيا لەشكەرلەرنى تىزىملاشقا مەسئۇل ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئۈستىدىن پادىشاھنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى بولغان خانانيا نازارەتچىلىك قىلاتتى.
12
لەشكەرلەرگە 2600 نەپەر سەركەردە باشچىلىق قىلاتتى. بۇ سەركەردىلەر ئۆز جەمەتلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.
13
ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا 500,307 نەپەر خىللانغان لەشكەر بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت پادىشاھ ئۈچۈن دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييار ئىدى.
14
ئۇززىيا پۈتۈن لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دۇبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغا تاشلىرى بىلەن قوراللاندۇرغانىدى.
15
ئۇززىيا يەنە يا ئوقلىرىنى ۋە يوغان تاشلارنى ئېتىش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىكى ئۇستىلارغا يېڭى قوراللارنى لايىھەلىتىپ ۋە ياسىتىپ، ئۇلارنى شەھەر سېپىلىنىڭ مۇنارلىرىغا ۋە بۇلۇڭلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ ناھايىتى كۈچلەندى. ئۇنىڭ نامى نام-شەرىپى يىراق يەرلەرگە تارقالدى.
16
ئۇززىيا قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ھاكاۋۇرلىشىپ، ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭدى. بىر كۈنى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىردى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرمەكچى بولدى.
17
باش روھانىي ئازاريا 80 نەپەر يۈرەكلىك روھانىيلارنى ئەگەشتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ كەينىدىن ئىبادەتخانىغا كىرىپ،
18
ئۇنى توسماقچى بولدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا ئىسرىق سېلىش سەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى قىلىدىغان ئىشتۇر. سەن بۇ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ كەتكىن. سەن ئاللىقاچان خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدا سېنى ئەزىزلىمەيدۇ.
19
قولىدا ئىسرىقدان كۆتۈرۈۋالغان ئۇززىيا روھانىيلارغا قاتتىق ئاچچىقلاندى. ئۇززىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىسرىقداننىڭ يېنىدا تۇرۇپ، روھانىيلارغا ئاچچىقلىنىۋاتقان دەل شۇ پەيتتە، ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇيۇقسىز تېرە كېسىلى قاپلاپ كەتتى.
20
باش روھانىي ئازاريا ۋە بارلىق روھانىيلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇززىيانى ئىبادەتخانىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشكە ئۈندەپ، قولىدىن تارتتى. ئۇززىيا تېزلىك بىلەن ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى جازالىغانىدى.
21
ئۇززىيا تاكى ئۆلگۈچە تېرە كېسىلىدىن ساقىيالمىدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى، ھەتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمۇ چەكلەنىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
22
پادىشاھ ئۇززىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر باشتىن-ئاخىر خاتىرىلەپ قالدۇرغاندۇر.
23
ئۇززىيا ۋاپات بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرى دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىقىنىڭ بىر چېتىگە دەپنە قىلىندى، چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ئوغلى يوتەم تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
← Chapter 25
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 27 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36