bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 29
2 Chronicles 29
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 28
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 30 →
1
خىزكىيا تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زىكىرىيانىڭ قىزى ئابىيا ئىدى.
2
خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.
3
خىزكىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئوڭشاتتى.
4
ئۇ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى شەرقىي مەيدانغا چاقىرىپ،
5
مۇنداق دېدى: _ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار! ئاندىن ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ناپاك نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئىبادەتخانىنىمۇ پاكلاڭلار.
6
ئەجدادلىرىمىز ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ، ئىبادەتخانىنى تەرك ئەتتى.
7
ئىبادەتخانىدىكى چىراغلارنى ئۆچۈرۈپ، ئىشىكىنى پېچەتلىدى. ئىبادەتخانىدا ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ئاتاپ ئىسرىق سالمايدىغان، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايدىغان بولدى.
8
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپى كېلىپ، ئۇلارنى دەھشەتلىك قورقۇنچ، ۋەھىمە ۋە مەسخىرىگە قويدى. بۇ ئىشلارنى سىلەر بۈگۈنمۇ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر.
9
ئەجدادلىرىمىز قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈپ، خوتۇن-بالىلىرى ئەسىر بولدى.
10
شۇڭا مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، غەزىپىنى بىزدىن يىراق قىلىشنى ئويلايمەن.
11
ئەي ئوغلانلىرىم، ئەمدى بىپەرۋالىق قىلماڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئىسرىق سېلىشقا تاللىدى.
12
شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى باشلىدى: قوھات جەمەتىدىن ئاماساينىڭ ئوغلى ماخات، ئازاريانىڭ ئوغلى يوئېل، مىرارى جەمەتىدىن ئابدىنىڭ ئوغلى كىش، يىھالەلەلنىڭ ئوغلى ئازارىيا، گېرشوم جەمەتىدىن زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاخ، يوئاخنىڭ ئوغلى ئېدەن،
13
ئەلىزافان جەمەتىدىن شىمرى، يىئىئېل، ئاساف جەمەتىدىن زىكىرىيا، ماتتانيا،
14
ھېمان جەمەتىدىن يىخىئېل، شىمئى، يىدۇتۇن جەمەتىدىن شىمايا ۋە ئۇززىئېل.
15
ئۇلار باشقا لاۋىيلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنى پاكلىدى ھەمدە پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى پاكلاشقا باردى.
16
روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، بارلىق ناپاك نەرسىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ چىقتى. لاۋىيلار بۇلارنى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، تاشلىۋەتتى.
17
ئۇلار 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پاكلاش خىزمىتىنى باشلىدى. سەككىز كۈن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى، يەنە سەككىز كۈن ئىبادەتخانىنى پاكلىدى. 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىبادەتخانىنى پاكلاش خىزمىتىنى تاماملىدى.
18
ئۇنىڭدىن كېيىن لاۋىيلار پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلار تىزىلىدىغان شىرەنى ھەمدە شىرەنىڭ ئۈستىدىكى قاچا-قۇچىلارنى پاكلىدۇق.
19
پادىشاھ ئاخاز ساداقەتسىزلىك قىلىپ تاشلىۋەتكەن ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرىنى پاكلاپ، قايتىدىن پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدۇق، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.
20
پادىشاھ خىزكىيا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى.
21
ئۇلار يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار، يەتتە تۇياق پاقلاننى ئەكېلىپ، پادىشاھ جەمەتى، مۇقەددەس جاي ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىش قۇربانلىقى قىلدى. روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بۇ ھايۋانلارنى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلدى.
22
بۇقىلار بوغۇزلانغاندىن كېيىن، روھانىيلار قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئاندىن قوچقارلارنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ قېنىنىمۇ قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئۇنىڭدىن كېيىن پاقلانلارنىمۇ بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى.
23
ئاندىن روھانىيلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن تەييارلانغان تېكىلەرنى پادىشاھ ۋە جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلار قوللىرىنى تېكىلەرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇشتى.
24
روھانىيلار تېكىلەرنى بوغۇزلاپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلدى. قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. چۈنكى پادىشاھ بارلىق ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى.
25
پادىشاھ خىزكىيا لاۋىيلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار پادىشاھ داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى گاد ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەرگەنىدى.
26
لاۋىيلار داۋۇتنىڭ سازلىرىنى، روھانىيلار كانايلارنى چالىدىغان بولدى.
27
پادىشاھ خىزكىيا قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق باشلانغان ۋاقتىدا، لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى. كانايلار پادىشاھ داۋۇتنىڭ سازلىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ چېلىندى.
28
پۈتۈن جامائەت تاكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق تامام بولغۇچە ناخشا ۋە كاناي ئاۋازىغا ئەگىشىپ، سەجدە قىلىشتى.
29
كۆيدۈرمە قۇربانلىق تامام بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلىشتى.
30
پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار لاۋىيلارنى داۋۇت ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئاساف يازغان مۇناجاتلارنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە بۇيرۇدى. ئۇلار شادلانغان ھالدا مۇناجات ئوقۇشتى ۋە يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلىشتى.
31
پادىشاھ خىزكىيا جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ھازىر سىلەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەكېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن جامائەت مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلىرىنى ئەكېلىشكە باشلىدى. بەزىلىرى ئۆز رازىلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىمۇ ھەدىيە قىلىشتى.
32
جامائەت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن 70 تۇياق بۇقا، 100 تۇياق قوچقار ۋە 200 تۇياق پاقلان ھەدىيە قىلىشتى.
33
باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن 600 تۇياق كالا، 3000 تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى.
34
لېكىن روھانىيلارنىڭ سانى بەك ئاز بولغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى سويۇپ بولالمىدى. شۇڭا باشقا روھانىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاپ بولغۇچە روھانىيلارغا قېرىنداش بولغان لاۋىيلار تاكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار سويۇلۇپ بولغۇچە ئۇلارغا ياردەملەشتى. چۈنكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاشنى روھانىيلارغا قارىغاندا مۇھىم بىلگەنىدى.
35
ھەدىيە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن سويۇلغان ماللارنىڭ مېيى كۆيدۈرۈلۈشى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن بىرگە ھەدىيە قىلىنغان ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار ئەسلىگە كەلدى.
36
خىزكىيا ۋە پۈتۈن خەلق خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىدىن شاد-خۇرام بولدى. بۇ ئىشلار ناھايىتى تېز ئەمەلگە ئاشتى.
← Chapter 28
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 30 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36