bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 24
2 Chronicles 24
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 25 →
1
يوئاش تەختكە چىققان چاغدا 7 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبياھ بولۇپ، بەئەرشەبا شەھىرىدىن ئىدى.
2
يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.
3
روھانىي يىھويادا يوئاشقا ئىككى ئايال ئېلىپ بەردى. ئۇلار يوئاشقا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەردى.
4
شۇنىڭدىن كېيىن يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشىتىش نىيىتىگە كەلدى.
5
ئۇ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، خەلقتىن سېلىق يىغىڭلار. ھەر يىلى يىغىلغان سېلىقنى ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىڭلار. بۇ ئىشنى دەرھال باشلاڭلار. لېكىن لاۋىيلار بۇ ئىشنى دەرھال باشلىمىدى.
6
پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: _ سىز نېمىشقا لاۋىيلارنى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىن سېلىق يىغىشقا بۇيرۇمايسىز؟ ئىسرائىل خەلقىنىڭ سېلىق تاپشۇرۇشىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە بۇيرۇغانىدى. يىغىلغان سېلىقلارنى ئەھدە چېدىرى ئۈچۈن ئىشلىتەتتى.
7
(رەزىل ئايال ئاتاليانىڭ شېرىكلىرى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى بائالنىڭ مۇراسىمىدا ئىشلەتكەنىدى.)
8
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىر ساندۇق ياسىتىپ، ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدى.
9
ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە يارلىق چۈشۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە چۆلدىكى ۋاقتىدا بۇيرۇغان سېلىقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىشىنى بۇيرۇدى.
10
يېتەكچىلەر ۋە خەلق خۇشاللىق بىلەن كېلىشىپ، تاكى ساندۇق تولغۇچە ئۆزلىرىنىڭ كۈمۈشلىرىنى سېلىشتى.
11
ساندۇق تولغان ھامان لاۋىيلار كېلىپ، ساندۇقنى ئوردىغا ئېلىپ مېڭىشتى. پادىشاھنىڭ خەزىنىچىسى ۋە باش روھانىينىڭ ۋاكالەتچىسى ساندۇقنى بوشاتقاندىن كېيىن، يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار ھەر كۈنى شۇنداق قىلىپ، كۆپ مىقداردا كۈمۈش توپلىدى.
12
پادىشاھ ۋە باش روھانىي يىھويادا توپلانغان كۈمۈشلەرنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇلار تاشچى، ياغاچچى، تۆمۈرچى ۋە تۇچچىلارنى ياللاپ، ئىبادەتخانىنى ئوڭشاتتى.
13
ئىشلەمچىلەر تىرىشىپ ئىشلىدى. قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئەسلىگە كېلىپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ مەزمۇت بولدى.
14
قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، نازارەتچىلەر ئېشىپ قالغان كۈمۈشلەرنى پادىشاھ ۋە باش روھانىي يىھوياداغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ كۈمۈشلەر ئىبادەتخانىنىڭ مۇراسىملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئىسرىق تەخسىلىرىنى ۋە باشقا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارنى ياساشقا ئىشلىتىلدى. باش روھانىي يىھويادا ھايات ۋاقتىدا خەلق داۋاملىق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ تۇردى.
15
باش روھانىي يىھويادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، 130 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
16
ئۇ «داۋۇت شەھىرى»دىكى پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن، شۇنداقلا خۇدا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانىدى.
17
باش روھانىي يىھويادا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى پادىشاھنى زىيارەت قىلىشتى. پادىشاھ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالدى.
18
نەتىجىدە، ئۇلار ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئېتىپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە باشقا بۇتلارغا چوقۇندى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن خۇدا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپىنى ياغدۇرماقچى بولدى.
19
لېكىن پەرۋەردىگار ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پەرۋا قىلمىدى.
20
شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ روھى باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى زىكىرىياغا چۈشتى. ئۇ خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ راھەت-پاراغەتكە ئېرىشكۈڭلار يوقمىدى؟ سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈگەنىكەنسىلەر، ئەمدى مەنمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈيمەن!»
21
يەھۇدىيەلىكلەر زىكىرىياغا سۇيىقەست قىلىشتى. ئۇلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە زىكىرىيانى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى.
22
پادىشاھ يوئاش زىكىرىيانىڭ ئاتىسى يىھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈردى. زىكىرىيا جان ئۈزىدىغان ۋاقتىدا: «پەرۋەردىگار قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ، جازايىڭلارنى بەرسۇن» دېدى.
23
كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا ئارراملارنىڭ قوشۇنى يوئاشقا ھۇجۇم قىلىپ، يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە بېسىپ كىردى. ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى بارلىق يېتەكچىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئالغان ئولجىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دەمەشقتىكى پادىشاھىغا ئەۋەتىپ بەردى.
24
گەرچە ھۇجۇم قىلغانلار ئاررام قوشۇنىنىڭ كىچىك بىر تارمىقى بولسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگار يوئاشنىڭ ناھايىتى چوڭ قوشۇنىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، يوئاشنى جازالىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى.
25
ئاررام لەشكەرلىرى چېكىنگەن ۋاقتىدا، يوئاش ئېغىر يارىلانغانىدى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ياتقان يېرىدە ئۆلتۈرۈپ، باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالدى. يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى.
26
يوئاشقا سۇيىقەست قىلغانلار شىمئات ئىسىملىك ئاممونلۇق ئايالنىڭ ئوغلى زاباد بىلەن شىمرىت ئىسىملىك موئابلىق ئايالنىڭ ئوغلى يىھوزاباد ئىدى.
27
يوئاشنىڭ ئوغۇللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، يوئاش ھەققىدىكى ۋەھىيلەر ۋە ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلار «پادىشاھلار تەزكىرىسىگە ئىزاھاتلار»غا پۈتۈلگەندۇر. يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 25 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36