bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 16
2 Chronicles 16
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 15
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 17 →
1
يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 36-يىلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيەگە كىرىپ چىقىشىنى توسۇش ئۈچۈن راماھ شەھىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى.
2
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىدىن ۋە ئوردىدىكى خەزىنىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا تۆۋەندىكى تەكلىپ بىلەن بىرگە ئەۋەتتى:
3
«ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇرۇن ئىتتىپاق تۈزگىنىدەك، بىزمۇ ئىتتىپاق تۈزەيلى. سىلىگە ئالتۇن-كۈمۈش ئەۋەتتىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقلىرىنى بىكار قىلغايلا. شۇندىلا ئۇ زېمىنىمدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ.»
4
پادىشاھ بەنھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، سەركەردىلىرىنى قوشۇنلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھەرلىرى ۋە نافتالى زېمىنىدىكى ئامبارلار جايلاشقان بارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى.
5
پادىشاھ باشا بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، راماھ شەھىرىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختاتتى.
6
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پادىشاھ باشانىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلىرىنى يۆتكەپ ئەكەتتى ۋە بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن گەبا ۋە مىزپاھ شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى.
7
شۇ ۋاقىتتا غايىبنى بىلگۈچى خانانى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا تايانماي، دۈشمىنىڭىز بولغان ئاررام پادىشاھىغا تاياندىڭىز. بۇ سىزنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
8
سىز دۇچ كەلگەن كۇشلار بىلەن لىۋىيەلىكلەردىن تۈزۈلگەن چوڭ قوشۇنلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەددى-ھېسابسىز جەڭ ھارۋىلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ شۇ چاغدا سىز پەرۋەردىگارغا تايانغانلىقىڭىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىزنىڭ قولىڭىزغا تاپشۇرغانىدى.
9
پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ھەقىقىي سادىق بولغانلارنى يۆلەيدۇ. سىز ئەخمەقلىق قىلدىڭىز، بۇندىن كېيىن سىزنى ئۇرۇش پالاكىتى باسىدۇ.
10
ئاسا خانانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىغا تاقاق سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلەرنى قاتتىق باستۇردى.
11
پادىشاھ ئاسانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.
12
ئاسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى ئېغىر پۇت ئاغرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ پەرۋەردىگاردىن شىپالىق تىلىمىدى، بەلكى تېۋىپلاردىنلا ياردەم تەلەپ قىلدى.
13
ئاسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 41-يىلى ۋاپات بولدى.
14
خەلق ئۇنىڭ مېيىتىنى تاۋۇتقا ياتقۇزۇپ، مېيىتىغا ھەر خىل خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە ئېسىل مايلارنى ئىشلىتىپ، «داۋۇت شەھىرى»دە قىيا تاشقا ئۆزى ئۈچۈن ئويدۇرۇپ ياساتقان قەبرىگە دەپنە قىلدى ۋە ئۇنىڭ شەرىپىگە ناھايىتى چوڭ گۈلخان يېقىپ، تەزىيە بىلدۈردى.
← Chapter 15
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 17 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36