bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 20
2 Chronicles 20
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 19
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 21 →
1
كېيىن موئابلار، ئاممونلار ۋە مىئۇنلارنىڭ بىر قىسمى بىرلىكتە يىھوشافاتقا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى.
2
خەۋەرچىلەر يىھوشافاتقا مەلۇمات ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى: _ غايەت زور بىر قوشۇن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ شەرقىدىن، يەنى ئىدومدىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللىقاچان خازون-تامارغا (يەنى ئېنگەدى) بېسىپ كىردى.
3
قورقۇپ كەتكەن يىھوشافات پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلەشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ پۈتۈن يەھۇدىيە دائىرىسىدە روزا تۇتۇشنى جاكارلىدى.
4
پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلىدى.
5
يىھوشافات پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ يېڭى ھويلىسىنىڭ ئالدىدا يېرۇسالېم خەلقىنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ،
6
مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: _ ئى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا، سەن ئەرشتىكى خۇدا ئەمەسمۇ؟ سەن بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ئىگىسىسەن، كۈچ-قۇدرەت سەندىدۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ.
7
ئى خۇدايىمىز، سەن بۇ زېمىندا ياشىغان خەلقلەرنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىپ، دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك مۈلۈك قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟!
8
سېنىڭ خەلقىڭ بۇ زېمىندا ياشاپ، سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ مۇقەددەس ئىبادەتخانا بەرپا قىلدى.
9
ئۇلار: «ئەگەر بىز مەيلى ئۇرۇش، مەيلى ۋابا ياكى ئاچارچىلىق بولسۇن، مەلۇم بىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق، ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، يەنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا تۇرۇپ، ساڭا نىدا قىلساق، سەن نىدايىمىزنى ئاڭلاپ، ياردەم قىلىسەن» دېيىشكەن ئەمەسمىدى؟!
10
سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭدا، ئۇلارنىڭ ئاممونلار، موئابلار ۋە سەئىر تاغلىرىدا ياشايدىغان مىئۇنلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدىڭ. شۇڭا ئۇلار بۇ خەلقلەرنى يوقىتالمىدى، پەقەت زېمىنلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتتى.
11
لېكىن ھازىر بۇ خەلقلەر بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى سەن مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندىن قوغلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
12
ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنى جازالىمامسەن؟ بىزگە قارشى كېلىۋاتقان غايەت زور بۇ قوشۇننى توسقۇدەك بىزدە كۈچ يوق. بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي، پەقەت ساڭىلا تەلپۈنمەكتىمىز.
13
يەھۇدىيە ئەرلىرى بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتى.
14
پەرۋەردىگارنىڭ روھى جامائەت ئارىسىدا تۇرغان ياخازىئېلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. ياخازىئېل لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ زىكىرىيانىڭ ئوغلى، بىنايانىڭ نەۋرىسى، يىئىئېلنىڭ ئەۋرىسى، ماتتانيانىڭ چەۋرىسى ئىدى.
15
ياخازىئېل مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ يىھوشافات، يېرۇسالېم خەلقى، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى، سۆزۈمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىدىن قورقۇپ، بوشىشىپ كەتمەڭلار. چۈنكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا ئەمەس، بەلكى مەن خۇدانىڭ ئىلكىدىدۇر.
16
ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار. سىلەر دۈشمەن بىلەن زىس جىلغىسىنىڭ ئاخىرىدىكى يىرۇئېل چۆلىدە ئۇچرىشىسىلەر.
17
لېكىن سىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىڭلارنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. سىلەر پەقەت ئورنۇڭلارنى مەھكەم ساقلاپ، كۈتۈپ تۇرۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى كۆرۈڭلار. ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر قورقماڭلار، بوشىشىپ كەتمەڭلار، ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ياردۇرمەن.»
18
شۇنىڭ بىلەن يىھوشافات يەرگە باش قويۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. ئارقىدىن يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر باشلىرىنى يەرگە قويۇشۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشتى.
19
قوھات ۋە كوراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان لاۋىيلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مەدھىيەلەشتى.
20
ئەتىسى سەھەردە جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تىقوۋا چۆلىگە بارماقچى بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا، يىھوشافات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشىنىڭلار، شۇندىلا مەزمۇت تۇرىسىلەر، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، شۇندىلا غەلىبە قىلىسىلەر.
21
يىھوشافات جامائەت بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مۇراسىم كىيىمى كىيىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتلارنى لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. ئۇلار سەپنىڭ ئالدىدا: «پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىپ ماڭدى.
22
ئۇلار تەنتەنىلىك ھالدا مۇناجات ئېيتىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە باشلىغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن لەشكەرلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يەھۇدىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن مىئونلارنى، شۇنداقلا ئاممون ۋە موئابلارنى مەغلۇپ قىلدى.
23
ئەسلىدە ئاممون ۋە موئابلار سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەنلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىن كېيىن، ئاممون ۋە موئابلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقانىدى.
24
يەھۇدىيەلىكلەر چۆلنى كۆرەلەيدىغان جايدىن دۈشمەن لەشكەرلىرىگە نەزەر تاشلاشتى. ئۇلار كۆردىكى، پۈتۈن دالا دۈشمەن لەشكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكى بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىغانىدى.
25
يىھوشافات ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئولجىلارنى يىغقىلى باردى. ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈك، كىيىم-كېچەك، قىممەت باھالىق بۇيۇملار بار ئىدى. ئولجىلار شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى، ئۇلار ئولجىلارنى بىر كۈندە توشۇپ بولالماي، ئۈچ كۈن توشۇدى.
26
تۆتىنچى كۈنى ئۇلار بىر جىلغىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى. (شۇنىڭدىن بېرى بۇ جىلغىنىڭ نامى بىراكا [مەنىسى «بەخت»] جىلغىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.)
27
يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر يىھوشافاتنىڭ رەھبەرلىكىدە تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا قايتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغانىدى.
28
ئۇلار يول بويى چىلتار، لىرا ۋە كاناي چېلىپ ماڭدى. يېرۇسالېمغا كەلگەندە، ئۇدۇل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى.
29
ئەتراپتىكى خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىنى يەڭگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇشقا باشلىدى.
30
يىھوشافات ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئەلدە تىنچ-ئامانلىق بولدى. چۈنكى ئۇ ئىشەنگەن خۇدا ئۇنىڭ چېگرالىرىغا تىنچلىق ئاتا قىلغانىدى.
31
يىھوشافات تەختكە چىققان چاغدا 35 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 25 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى ئازۇبا ئىدى.
32
يىھوشافات پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.
33
بىراق سەجدىگاھلارنى يوقىتىۋېتەلمىدى. خەلق يەنىلا ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا چىن قەلبىدىن ئەگەشمىدى.
34
پادىشاھ يىھوشافاتنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»نىڭ بىر قىسمى بولغان خانانىنىڭ ئوغلى «يېھۇنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.
35
كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات يامان ئىشلارنى قىلىدىغان ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشتى.
36
ئۇلار تارشىشقا بېرىش ئۈچۈن كېمىلەرنى ياسىتىشقا كېلىشتى. بۇ كېمىلەرنى ئەزيون-گەبەردە ياساتتى.
37
شۇنىڭ بىلەن مارېشالىق دوداۋانىڭ ئوغلى ئەلىئەزەر يىھوشافاتقا قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈپ: _ سىز ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىز ياساتقان كېمىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ، _ دېدى. دەرۋەقە كېمىلەر ۋەيران بولۇپ، ئۇلار تارشىشقا بارالمىدى.
← Chapter 19
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 21 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36