bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 3
2 Chronicles 3
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 4 →
1
سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مورىيا تېغىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا باشلىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى يىبۇسلۇق ئاراۋنانىڭ خامانلىقىدا بولۇپ، بۇ يەرنى داۋۇت بەلگىلەنگەنىدى. پەرۋەردىگار سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇتقا شۇ يەردە زاھىر بولغانىدى.
2
سۇلايمان ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى 2-ئاي نىڭ 2-كۈنى قۇرۇلۇشنى باشلىدى.
3
ئۇ ياساتماقچى بولغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر ئىدى.
4
ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر، ئېگىزلىكى 10 مېتىر ئىدى. كەڭلىكى 10 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنىڭ ھەممە يېرىگە ساپ ئالتۇن قاپلانغانىدى.
5
ئاساسىي خانا قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلىنىپ، ئاندىن ساپ ئالتۇن چاپلىنىپ، ئۈستىگە خورما دەرىخى ۋە ئۆرۈمە تانىلارنىڭ شەكلى ئويۇلغانىدى.
6
سۇلايمان ئىبادەتخانىنى گۆھەر، شۇنداقلا پارۋايىمدىن ئەكەلدۈرگەن ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى.
7
ئىبادەتخانىنىڭ لىم ياغاچلىرى، بوسۇغىلىرى، تاملىرى ۋە ئىشىكلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاتقۇزۇپ، تېمىغا كېرۇبلارنىڭ شەكلىنى ئويدۇردى.
8
سۇلايمان ئەڭ مۇقەددەس خانىنىمۇ ياساتقۇزدى. خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، كەڭلىكىمۇ 10 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. خانىنىڭ ئىچىنى 21 توننا ساپ ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى.
9
قېقىلغان مىخلارنىڭ بېشىغا قاپلانغان ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى 600 گىرام ئىدى. يۇقىرىقى خانىلارنىڭ ئىچىنىمۇ ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى.
10
سۇلايمان يەنە ئىككى دانە كېرۇب ھەيكىلىنى ياسىتىپ، ئۇلارنى ئەڭ مۇقەددەس خانىنىڭ ئىچىگە ئورناتتى ۋە ئۇلارنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى.
11
ئىككى كېرۇبنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 10 مېتىر بولۇپ، ھەربىر قاناتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.5 مېتىر ئىدى. ھەربىر كېرۇبنىڭ بىر تەرەپتىكى قانىتى ئىبادەتخانا تېمىغا تېگىپ تۇرغان بولۇپ، يەنە بىر قانىتى بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى.
13
ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس خانىغا يانمۇيان ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇلغان بولۇپ، يېيىلغان قاناتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر ئىدى.
14
سۇلايمان يەنە ئېسىل زىغىر رەختتىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا پەردە تىكتۈرۈپ، ئۈستىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى كەشتىلەتتى.
15
سۇلايمان يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئىككى تۈۋرۈك ئورناتقۇزدى. ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر بولۇپ، ھەربىر تۈۋرۈك ئۈستىگە ئورنىتىلغان تۈۋرۈك بېشىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر ئىدى.
16
ئۇ يەنە زەنجىر ياسىتىپ، تۈۋرۈك بېشىغا ئاستۇردى. 100 دانە ئانار ياسىتىپ، زەنجىرنى بېزەتكۈزدى.
17
بۇ تۈۋرۈكلەر ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى تۈۋرۈككە «ياكىن» [مەنىسى «خۇدا تىكلەيدۇ»]، سول تەرەپتىكى تۈۋرۈككە «بوئاز» [مەنىسى «خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن»] دەپ نام بەردى.
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 4 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36