bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 31
2 Chronicles 31
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 30
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 32 →
1
ھەممە ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، توپلانغان ئىسرائىللار يەھۇدا، بىنيامىن، ئەفرايىم، ماناسسە زېمىنلىرىدىكى ھەممە شەھەرلەرگە بېرىپ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى. غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلارنى بۇزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز شەھەرلىرىگە ۋە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.
2
خىزكىيا روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى توپلارغا بۆلدى ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىش ئىدى.
3
پادىشاھ ئۆز مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، دەم ئېلىش كۈنلىرى، يېڭى ئاي بايراملىرى ۋە باشقا بەلگىلەنگەن ھېيت كۈنلىرى قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا ئاجراتتى.
4
ئۇ يېرۇسالېم خەلقىگە: _ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىلىرىنى بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئادا قىلىدۇ، _ دېدى.
5
يېرۇسالېملىقلار پادىشاھنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن تۇنجى يىغقان ئاشلىقى، شارابى، زەيتۇن يېغى، ھەسىلى ۋە ئېتىزىدىن چىققان باشقا زىرائەتلىرىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ھەدىيە قىلىشتى. ھەدىيە قىلىنغان بۇ نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى.
6
يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئىسرائىللار ئەكەلگەن كالا، قويلارنىڭ ۋە پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ ئەكەلگەن باشقا نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى.
7
ئۇلار ئەتىيازنىڭ ئاخىرى ھەدىيە قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، كۈزنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئاخىرلاشتى.
8
خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن ھەدىيەلەرنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇشتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشتى.
9
خىزكىيا دۆۋىلىنىپ كەتكەن بۇ نەرسىلەر ھەققىدە روھانىيلار ۋە لاۋىيلاردىن سوئال سورىدى.
10
زادوق جەمەتىدىن بولغان باش روھانىي ئازاريا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە ئەكەلگەندىن بېرى بىز تويغۇچە يەپ-ئىچتۇق، شۇنداقتىمۇ يەنە نۇرغۇنى ئېشىپ قالدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىگە بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، مۇشۇنداق كۆپ ئېشىپ قالدى.
11
شۇنىڭ بىلەن خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئامبار تەييارلاش بۇيرۇقىنى بەردى. ئامبار تەييارلانغاندىن كېيىن،
12
ئۇلار خەلق ئىئانە قىلغان نەرسىلەر، ئوندىن بىر ئۈلۈش نەرسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان باشقا نەرسىلەرنى ئامبارلارغا ساداقەتلىك بىلەن ئەكىرىپ قويدى. بۇ ئىشقا لاۋىيلاردىن بولغان كونانيا مەسئۇل بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى شىمئى ياردەمچىسى بولدى.
13
يىخىئېل، ئازازيا، ناخات، ئاسائېل، يىرىموت، يوزاباد، ئەلىئېل، يىسماكيا، ماخات ۋە بىنايالار كونانيا ۋە شىمئىغا ياردەملىشىپ، نازارەتچىلىك قىلدى. بۇلارنى پادىشاھ خىزكىيا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاريا بەلگىلىگەنىدى.
14
لاۋىيلاردىن بولغان يىمناھنىڭ ئوغلى كورې ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ دەرۋازىۋىنى ئىدى. ئۇ خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيەلەرنى، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ئىئانىلەرنى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى باشقۇرۇشقا ۋە تەقسىملەشكە مەسئۇل ئىدى.
15
ئېدەن، مىنيامىن، يېشۇۋا، شىمايا، ئاماريا، شىكانيالار كورېنىڭ سادىق ياردەمچىلىرى بولۇپ، ئۇلار باشقا شەھەرلەردە ياشايدىغان روھانىيلارغا نەرسىلەرنى ئۆز توپلىرى بويىچە قېرى-ياش دېمەي، بۆلۈپ بېرەتتى.
16
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا نۆۋەت بويىچە ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن رويخەتكە ئېلىنغان ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئەركەكلەرگە نەرسىلەرنى تارقىتىپ بېرەتتى.
17
روھانىيلارغا ئائىلە نەسەبنامىسى بويىچە ۋە يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى لاۋىيلارغا نۆۋەتچىلىك توپى بويىچە نەرسىلەر تارقىتىپ بېرىلەتتى.
18
نەرسىلەر ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى بويىچە خوتۇن ۋە بالىلىرىغىمۇ تارقىتىلىپ بېرىلەتتى. چۈنكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن پاكلايتتى.
19
باشقا شەھەرلەرنىڭ سىرتىدا ياشايدىغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان روھانىيلارغىمۇ نەرسە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئادەملەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىكى بارلىق ئەركەكلەرگە ۋە رويخەتكە ئېلىنغان لاۋىيلارغا ئۆزلىرىنىڭ نېسىۋىلىرىنى تارقىتىپ بېرىش ئىدى.
20
پادىشاھ خىزكىيا بۇ ئىشلارنى پۈتۈن يەھۇدىيەدە ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئۆزى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلدى.
21
ئۇ مەيلى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا بولسۇن، مەيلى قانۇن ياكى ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا بولسۇن، ھەممە ئىشتا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، ئىشلارنى چىن قەلبى بىلەن بېجىردى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى.
← Chapter 30
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 32 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36