bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 28
2 Chronicles 28
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 27
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 29 →
1
ئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 20 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخاز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلمىدى.
2
ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ بائالغا چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇتلىرىنى ياساتتى.
3
ئۇ بەنھىننوم جىلغىسىدا بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى ھەمدە پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى، ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى.
4
ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا، ئېگىزلىكلەردە ۋە بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سالدى.
5
پادىشاھ ئاخاز گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئارراملار ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىنى ئەسىر ئېلىپ، دەمەشققە ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئاخازنى يەنە ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قولىغىمۇ چۈشۈرۈپ بەردى، ئۇلار ئاخازنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى.
6
ئىسرائىلىيە پادىشاھى، يەنى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ بىر كۈننىڭ ئىچىدە يەھۇدىيەنىڭ خىللانغان 120 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى.
7
ئىسرائىلىيەنىڭ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان جەڭچىسى زىكرى ئاخاز پادىشاھنىڭ ئوغلى مائاسېيانى، ساراي غوجىدارى ئازرىقامنى ۋە پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى ئەلقانانى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
8
ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرى يەھۇدىيەلىك قېرىنداشلىرىدىن ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 200 مىڭ ئادەمنى ئەسىر ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زور مىقداردىكى ئولجىلارنى سامارىيە شەھىرىگە ئېلىپ كەتتى.
9
سامارىيەدە ئودېد ئىسىملىك پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى. ئۇ شەھەردىن چىقىپ، ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرگە غەزەپ قىلىپ، ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردى. سىلەر چەكسىز غەزىپىڭلار بىلەن ئۇلارنى قىرغىن قىلدىڭلاركى، ئۇلارنىڭ نالىسى پەلەككە يەتتى.
10
سىلەر ئەمدى يېرۇسالېمدىن، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىن ئەسىر ئېلىنغان ئەر-ئاياللارنى قۇل قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلماقچىمۇ؟
11
سىلەر يەنىلا مېنىڭ نەسىھەتىمگە قۇلاق سېلىپ، ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەن قېرىندىشىڭلارنى قويۇۋېتىڭلار. ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بېشىڭلارغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
12
ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى بولغان يىھوخاناننىڭ ئوغلى ئازاريا، مىشىللېموتنىڭ ئوغلى بەرەكيا، شاللۇمنىڭ ئوغلى خىزكىيا ۋە خادلاينىڭ ئوغلى ئاماسالار ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ ئالدىنى توسۇپ،
13
مۇنداق دېدى: _ سىلەر بۇ ئەسىرلەرنى سامارىيەگە ئېلىپ كىرسەڭلار بولمايدۇ. ھېلىمۇ بىز ئېغىر گۇناھ قىلدۇق. پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىز ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرۈپ، گۇناھىمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەيلى.
14
شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر ئەسىرلەر ۋە ئولجىلارنى ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن جامائەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشتى.
15
بەلگىلەنگەن مەسئۇل كىشىلەر ئەسىرلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇلار ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى ئېلىپ، كىيىمسىز ئەسىرلەرگە كىيگۈزۈپ قويدى، يېمەك-ئىچمەك بەردى، يارىلىرىغا ماي سۈرتتى ۋە ئاجىزلىرىنى ئېشەكلەرگە مىندۈردى. ئۇلار ئەسىرلەرنى خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخاغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئاندىن سامارىيەگە قايتىپ كەتتى.
16
بىر مەزگىلدىن كېيىن پادىشاھ ئاخاز ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى.
17
چۈنكى ئىدوملۇقلار يەنە يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىنى تۇتۇپ كەتكەنىدى.
18
فىلىستىيەلىكلەرمۇ غەربىي ئېدىرلىقلارغا ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى. فىلىستىيەلىكلەر بەيت-شەمەش، ئاييالون، گىدېروت شەھەرلىرىنى، شۇنداقلا سوكوھ، تىمناھ، گىمزو شەھەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بېسىۋېلىپ، شۇ يەرلەردە تۇرۇۋاتاتتى.
19
پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى پادىشاھى ئاخازنىڭ سەۋەبىدىن بۇ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. چۈنكى پادىشاھ ئاخاز يەھۇدىيەلىكلەرنى گۇناھ يولىغا يېتەكلەپ، پەرۋەردىگارغا قاتتىق ساداقەتسىزلىك قىلغانىدى.
20
ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر يەھۇدىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاخازغا ياردەم بەرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا تېخىمۇ زۇلۇم سالدى.
21
ئاخاز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن، ئوردا ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن بايلىقلارنى ئېلىپ چىقىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا بەردى، لېكىن بۇ ئەسقاتمىدى.
22
ئاخاز قىيىنچىلىق مەزگىلدە پەرۋەردىگارغا تېخىمۇ كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلدى.
23
ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان ئارراملارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلدى، چۈنكى ئۇ: «ئارراملارنىڭ ئىلاھلىرى ئارراملارنىڭ پادىشاھلىرىغا ياردەم قىلغانىكەن، مەن ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇ ئىلاھلار ئاخازنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ھالاكەتكە دۇچار قىلدى.
24
شۇنىڭ بىلەن ئاخاز خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ بۇزۇۋەتتى ۋە ئىبادەتخانىنى تاقىۋەتتى. يېرۇسالېم كوچىلىرىنىڭ دوقمۇشلىرىغا غەيرىي ئىلاھلار ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى.
25
يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياسىتىپ، ساختا ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلىپ، ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.
26
پادىشاھ ئاخازنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى باشتىن ئاخىر «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.
27
ئاخاز ۋاپات بولۇپ، يېرۇسالېم شەھىرىدە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى. ئوغلى خىزكىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
← Chapter 27
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 29 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36