bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 34
2 Chronicles 34
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 33
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 35 →
1
يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا 8 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
2
يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.
3
يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 8-يىلى، گەرچە ئۇ تېخى ياش بولسىمۇ، ئەجدادى داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىنتىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنى غەيرىي سەجدىگاھلاردىن، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىدىن، ئويما ۋە قۇيما بۇتلاردىن تازىلاشقا باشلىدى.
4
خەلق پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئىلاھ بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىسرىقدانلارنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى، ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى بۇزۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلدى ھەمدە ئۇلارنى چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە چېچىۋەتتى.
5
ئۇلارنىڭ روھانىيلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىدا كۆيدۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنى پاكلىدى.
6
ئۇ يەنە ماناسسە، ئەفرايىم، شىمون قەبىلىلىرىگە، ھەتتا يىراقتىكى نافتالى قەبىلىسىگە تەۋە شەھەرلەردىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى خارابىلىكلەردىكى
7
قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدى. ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋە باشقا بۇتلارنى كۇكۇم-تالقان قىلدى. ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق ئىسرىقدانلارنى چاقتى. ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
8
يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى زېمىنىنى ۋە ئىبادەتخانىنى پاكلىغاندىن كېيىن، ئازاليانىڭ ئوغلى پۈتۈكچى شافاننى، شەھەر باشلىقى مائاسېيانى ۋە يوئاخازنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاخنى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاشقا ئەۋەتتى.
9
لاۋىيلاردىن بولغان دەرۋازىغا قارايدىغانلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغىلغان پۇللارنى ماناسسە، ئەفرايىم قەبىلىلىرىدىن، شۇنداقلا ئامان قالغان باشقا ئىسرائىلىيەلىكلەردىن، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن ھەم يېرۇسالېم ئاھالىلىرىدىن يىغقانىدى. پادىشاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ،
10
پۇللارنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاش ۋە مۇستەھكەملەشكە مەسئۇل بولغان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بەردى. نازارەتچىلەر بۇ پۇللار بىلەن ئىبادەتخانىنى ئوڭشىغان ئىشچىلارنىڭ ھەققىنى تۆلىدى.
11
قالغان پۇللارنى ياغاچچى ۋە قۇرۇلۇشچىلارغا بەردى. ئۇلار بۇرۇنقى يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن خاراب بولغان ئىبادەتخانىنى ئوڭشاش ئۈچۈن يونۇپ تەييارلانغان تاش، لىم ۋە ۋاسىلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى.
12
ئىشچىلار سەمىمىيلىك بىلەن ئىشلىدى. ئۇلارغا لاۋىيلارنىڭ مىرارى جەمەتىدىن بولغان ياخات ۋە ئوبادىيا، قوھات جەمەتىدىن زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملار مەسئۇللۇققا تەيىنلەندى. ئۇلار يەنە يۈك توشۇغۇچىلارغا ۋە باشقا قۇرۇلۇشچىلارنى باشقۇرىدىغانلارغا مەسئۇل بولاتتى. لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ساز چېلىشقا ماھىر ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈكچى، باشقۇرغۇچى ۋە دەرۋازىۋەن بولۇپ ئىشلەيتتى.
14
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى يىغىلغان پۇللارنى ئېلىۋاتقاندا، باش روھانىي خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن تەۋرات قانۇنىنى تاپتى.
15
خىلقىيا پۈتۈكچى شافانغا: _ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تەۋرات قانۇنى يېزىلغان بىر يازمىنى تاپتىم، _ دېدى ۋە يازمىنى ئۇنىڭغا بەردى.
16
شافان يازمىنى ئېلىپ بېرىپ، پادىشاھقا: _ بىز خىزمەتكارلىرى ئۆزلىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىۋاتىمىز.
17
پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغۇچىلارغا ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.
18
ئاندىن پۈتۈكچى شافان يەنە پادىشاھقا: _ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى.
19
پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەسرەتلەندى ۋە كىيىملىرىنى يىرتتى
20
ۋە خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:
21
_ ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە يازمىدىكى ئەمرلەرگە بويسۇنمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. سىلەر بېرىپ، تېپىلغان مۇشۇ يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا مەن ئۈچۈن ھەم ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىكى ئامان قالغانلار ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن كۆرسەتمە سوراڭلار.
22
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بەلگىلىگەن ئادەملەر خىلقىياغا ئەگىشىپ، ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى. شاللۇم كىيىم ئامبىرىنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ خاسراھنىڭ نەۋرىسى، توقھاتنىڭ ئوغلى ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمدىكى يېڭى مەھەللىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى.
23
خۇلداھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى مەندىن كۆرسەتمە سوراشقا ئەۋەتكەن ئادەمگە بېرىپ ئېيتىڭلار:
24
‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىدا ئوقۇلغان ئاشۇ يازمىدىكى قارغىشلاردا تىلغا ئېلىنغان بالا-قازانى بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا چۈشۈرىمەن.
25
چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم مۇشۇ زېمىندا يانىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».
26
خۇلداھ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: _ سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن كۆرسەتمە سوراشقا ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا يەنە مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹لېكىن سەن مېنىڭ بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭ يۇمشاپ، ئالدىمدا گۇناھىڭنى تونۇپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، يىغلىدىڭ. شۇڭا مەنمۇ سېنىڭ ئىلتىجالىرىڭنى قوبۇل قىلدىم. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
28
قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا چۈشۈرىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن چۈشۈرمەيمەن. سەن قەبرىگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن›». ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.
29
پادىشاھ يوشىيا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىكى بارلىق ئاقساقاللارنى يىغدى.
30
پۈتۈن خەلق، يەنى روھانىيلار، لاۋىيلار، يەھۇدىيەلىكلەر، يېرۇسالېملىقلار مەيلى ياش، مەيلى قېرى بولسۇن، ھەممىسى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىشتى. پادىشاھ ئۇ يەردە ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنامىنى تولۇق ئوقۇپ بەردى.
31
پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
32
ئاندىن پادىشاھ پۈتۈن يېرۇسالېم ئاھالىسىگە ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگە بۇ ئەھدىگە رىئايە قىلىش ھەققىدە پەرمان بەردى. شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە ئەمەل قىلىشقا باشلىدى.
33
پادىشاھ يوشىيا ئىسرائىل خەلقىگە تەۋە بولغان بارلىق زېمىنلاردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى ۋە ئىسرائىلىيەدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلدۇردى. ئۇنىڭ دەۋرىدە خەلق ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈمىدى.
← Chapter 33
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 35 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36