bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 30
2 Chronicles 30
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 31 →
1
خىزكىيا پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ھەتتا ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، ھەممىسىنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەردە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلمەكچىدى.
2
پادىشاھ، ئەمەلدارلار ۋە يېرۇسالېمدىكى پۈتۈن جامائەت بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.
3
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى 1-ئايدا ئۆتكۈزەلمەيتتى. چۈنكى ئۆزلىرىنى پاكلىغان روھانىيلار تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى، جامائەتمۇ يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولالمايتتى.
4
شۇڭا پادىشاھ ۋە جامائەتمۇ بۇ پىلاننى لايىق كۆرگەنىدى.
5
پادىشاھ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ يېرۇسالېمدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پۈتۈن ئىسرائىللارغا، يەنى جەنۇبتىكى بەئەرشەبادىن تاكى شىمالدىكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق كىشىلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلدى. چۈنكى پۈتۈن خەلق ئۇزۇندىن بېرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى.
6
چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چاقىرىق مەكتۇپىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى ئايلاندى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغان سىلەرگە قايتا يار بولىدۇ.
7
سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن، ئىسرائىلىيەلىك قېرىندىشىڭلاردىن ئۈلگە ئالماڭلار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا سادىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرغاندەك، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلدى.
8
ھازىر سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماي، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ مۇقەددەس ۋە مەڭگۈلۈك ماكانى بولغان ئىبادەتخانىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ قەھر-غەزىپىنى سىلەردىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ.
9
ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ قېرىندىشىڭلارنى، قىز-ئوغۇللىرىڭلارنى تۇتۇپ كەتكەن دۈشمىنىڭلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىگە يول قويىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر. سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ سىلەرنى يەنە قوبۇل قىلىدۇ.
10
چاپارمەنلەر بۇ چاقىرىقنى ئەفرايىم ۋە ماناسسەدىن تارتىپ تاكى زەبۇلۇنغىچە يەتكۈزدى. لېكىن ئۇ يەردىكى كىشىلەر چاپارمەنلەرنى قاتتىق مەسخىرە قىلىشىپ كۈلۈشتى.
11
پەقەت ئاشېر، ماناسسە ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر كەمتەرلىك بىلەن چاقىرىقنى قوبۇل قىلىپ، يېرۇسالېمغا كېلىشتى.
12
پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈردى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇندى.
13
2-ئايدا ناھايىتى كۆپ خەلق يېرۇسالېمدا جەم بولۇپ، پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
14
ئالدى بىلەن ئۇلار يېرۇسالېمدىكى غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ئىسرىقدانلارنى بۇزۇپ، ئۇلارنى قىدرون جىلغىسىغا تاشلىۋەتتى.
15
ئۇلار 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ماللىرىنى بوغۇزلىدى. ئۆزلىرىنى 1-ئايدا پاكلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن روھانىي ۋە لاۋىيلار خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى پاكلاش ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كەلگەنىدى.
16
ئاندىن كېيىن ئۇلار خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇساغا چۈشكەن تەۋرات قانۇنى بويىچە ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلدى. روھانىيلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىكى قاننى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى.
17
جامائەتنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزلىرىنى پاكلىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن ئەكەلگەن ماللىرىنى بوغۇزلىيالمىدى. لاۋىيلار ئۇلارغا ۋاكالىتەن بوغۇزلاپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىدى.
18
ئەفرايىم، ماناسسە، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۆزلىرىنى پاكلىماي تۇرۇپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قۇربانلىق گۆشىنى يەپ قويۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆرسەتمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانىدى. شۇڭا خىزكىيا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان خۇدا، ساڭا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەن بىر قىسىم كىشىلەر گەرچە مۇقەددەس جاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزلىرىنى پاكلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.
20
پەرۋەردىگار خىزكىيانىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى كەچۈردى.
21
يېرۇسالېمغا يىغىلغان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزدى. روھانىي ۋە لاۋىيلار ياڭراق سازلارنى چېلىپ، ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى.
22
خىزكىيا پەرۋەردىگار ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن ئىش قىلغان بارلىق لاۋىيلارنى ماختىدى. جامائەت ھېيت زىياپىتى بىلەن يەتتە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشتى.
23
پۈتۈن جامائەت مەسلىھەتلىشىپ، ھېيتنى يەنە يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك خۇشال-خۇراملىق بىلەن يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى.
24
يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا كۆپچىلىككە مىڭ تۇياق بۇقا، يەتتە مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلدى. ئەمەلدارلارمۇ مىڭ تۇياق بۇقا، ئون مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى. نۇرغۇنلىغان روھانىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى.
25
يەھۇدىيەدىكى پۈتۈن خەلق، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن ئىسرائىللار ۋە يات خەلقلەر، شۇنداقلا يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر خۇشاللىققا چۆمدى.
26
يېرۇسالېم شادلىققا تولدى، چۈنكى داۋۇتنىڭ ئوغلى، يەنى پادىشاھ سۇلايماندىن كېيىن يېرۇسالېمدا بۇنداق بىر تەنتەنە بولۇپ باقمىغانىدى.
27
روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خەلققە بەخت تىلەشتى. ئۇلارنىڭ دۇئالىرى خۇدانىڭ ئەرشتىكى مۇقەددەس ماكانىغا يېتىپ باردى.
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 31 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36