bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 15
2 Chronicles 15
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 16 →
1
ئودېدنىڭ ئوغلى ئازارياغا خۇدانىڭ روھى چۈشتى.
2
ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.
3
ئىسرائىللار ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ھەقىقىي خۇدادىن، تەلىم بېرىدىغان روھانىيلاردىن ۋە خۇدانىڭ قانۇنىدىن مەھرۇم قالدى.
4
لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى.
5
ئۇ چاغلاردا سەپەرگە چىقىش خەتەرلىك ئىدى، ھەممە يەرلەرنى قالايمىقانچىلىق قاپلىغانىدى.
6
ئەل بىلەن ئەل، شەھەر بىلەن شەھەر بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقانىدى. چۈنكى خۇدا ھەر خىل ئاپەتلەر بىلەن ئۇلارنى ئازابلىغانىدى.
7
لېكىن سىلەر قەيسەر بولۇڭلار. بوشاپ كەتمىسەڭلارلا، ئەجرىڭلارغا لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر.
8
پادىشاھ ئاسا ئودېدنىڭ ئوغلى ئازاريا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، پۈتۈن يەھۇدا، بىنيامىن زېمىنلىرىدىكى ۋە ئۆزى تارتىۋالغان ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى ئالدۇرۇۋەتتى ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىنى يېڭىلىدى.
9
ئەينى چاغدا ئەفرايىم، ماناسسە، شىمون قەبىلىلىرىدىن بولغان نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئاساغا يار بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيەگە كېلىپ، ئاساغا قوشۇلغان ۋە ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى. ئاسا ئۇلارنى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى بىلەن بىرگە يىغدى.
10
ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 15-يىلى 3-ئايدا ئۇلار يېرۇسالېمدا يىغىلدى.
11
ئۇ كۈنى ئۇلار ئولجا ئالغان چارۋا ماللار ئارىسىدىن 700 تۇياق كالا ۋە 7000 تۇياق قوينى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى.
12
ئۇلار يەنە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىدا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بېرىشتى.
13
كىمكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىدا ماڭمىسا، مەيلى قېرى-ياش بولسۇن، مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن، ھەممىسى بىردەك ئۆلتۈرۈلىدىغان بولدى.
14
ئۇلار پەرۋەردىگارغا قەسەم بەرگەندە، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىشىپ، كاناي ۋە بۇرغا چېلىشتى.
15
پۈتۈن خەلق بەرگەن قەسەملىرىدىن خۇشاللىققا چۆمۈشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا نامايان بولۇپ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتە تىنچ-ئامانلىققا ئىگە قىلدى.
16
پادىشاھ ئاسا ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ خان ئانىسى مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇ ياغاچتىن ئىلاھە ئاشېرانىڭ بىر يىرگىنچلىك بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ يىرگىنچلىك بۇتنى يىقىتىپ، پارچىلاپ، قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.
17
گەرچە ئاسا غەيرىي سەجدىگاھلارنى ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ ياشىدى.
18
ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى.
19
ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 35-يىلىغىچە ئۇرۇش بولمىدى.
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 16 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36