bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 2
2 Chronicles 2
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 3 →
1
سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئوردا سالدۇرۇش قارارىغا كەلدى.
2
سۇلايمان تاغدا تاش قېزىش ئۈچۈن 80 مىڭ ئادەم، يۈك توشۇش ئۈچۈن 70 مىڭ ئادەم ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن 3600 ئادەم تاللىدى.
3
سۇلايمان تىر پادىشاھى ھىرامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: «سىلى ئاتام داۋۇتنىڭ ئوردا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېدىر دەرىخى ئەۋەتىپ بەرگەندەك، ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەيلا.
4
ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، دەم ئېلىش كۈنىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇلار ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.
5
مەن سالماقچى بولغان بۇ ئىبادەتخانا ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز بارلىق بۇت ئىلاھلاردىن بۈيۈكتۇر.
6
ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، ئۇنىڭغا كىممۇ ئىبادەتخانا سالالىسۇن؟ ئۇنىڭغا ئىبادەتخانا سالالىغۇدەك مەن كىم ئىدىم؟ مېنىڭ نىيىتىم پەقەت ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سالغۇدەك بىر يەر ھازىرلاشتۇر، خالاس.
7
ھازىر سىلى ماڭا بىر ئۇستا ئەۋەتىپ بەرسىلە. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈردىن نەرسىلەرنى ياسىيالايدىغان، سۆسۈن، توق قىزىل، كۆك رەڭلىك رەختلەردىن كەشتىچىلىك قىلالايدىغان، ئويمىچىلىق قىلالايدىغان، ئاتام داۋۇت يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدە تەييار قىلغان ئۇستىلار بىلەن بىرگە ئىشلىيەلەيدىغان بولسۇن.
8
لىۋاندىن كېدىر، قارىغاي ۋە ئېسىل ياغاچلارنى ئەۋەتسىلە. سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ لىۋان تېغىدا دەرەخ كېسىشكە ئۇستا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانغا ئادەم ئەۋەتىمەن.
9
مەن ياسايدىغان ئىبادەتخانا بەك ھەشەمەتلىك بولىدىغان بولغاچقا، ئىبادەتخانىغا ناھايىتى كۆپ ياغاچ ئىشلىتىلىدۇ.
10
مەن سىلىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا 1400 توننا يارما قىلىنغان بۇغداي، 1400 توننا ئارپا، 2000 توننا شاراب ۋە 2000 توننا زەيتۇن يېغى بېرىمەن.»
11
تىر پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا مەكتۇپ ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب بەردى: «پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، سىلىنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدى.
12
ئاسمان-زېمىننى ياراتقان، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا مەدھىيەلەر بولسۇن. پادىشاھ ئۇ داۋۇتنىڭ دانا ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك ئوغلى سۇلايمان ئارقىلىق ئۆزىگە ئىبادەتخانا ھەم سىلىگە ئوردا سالدۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ.
13
مەن سىلىگە ھۇرام ئىسىملىك ئەقىللىق ۋە چېۋەر بىر ئۇستامنى ئەۋەتەي.
14
ئۇنىڭ ئانىسى دان قەبىلىسىدىن، ئاتىسى تىرلىقتۇر. ھۇرام ئويمىچىلىققا، لايىھەلەشكە، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، تاش، ياغاچتىن نەرسە ياساشقا، ئېسىل زىغىر رەختلەرنى سۆسۈن، توق قىزىل، كۆك رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلەشكە ماھىردۇر. ئۇ ئاتىلىرى داۋۇتنىڭ ئۇستىلىرى ۋە باشقا ئۇستىلار بىلەن بىرگە ئىشلىسە بولىدۇ.
15
سىلى ئەمدى بېرىشكە ۋەدە قىلغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە شارابلارنى خىزمەتكارلىرىمغا ئەۋەتىپ بەرسىلە.
16
بىز لىۋان تېغىدىن سىلىگە كېرەكلىك بولغان ياغاچلارنى كېسىپ، ئۇنى سال قىلىپ، سۇ يولى بىلەن جاففاغا ئەۋەتىپ بېرەيلى. سىلى ئۇ يەردىن ئۇ ياغاچلارنى يېرۇسالېمغا توشۇۋالسىلا.»
17
سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق يات خەلقلەرنى تىزىملاپ چىقتى، ئۇلار جەمئىي 153,600 ئادەم ئىدى.
18
ئۇ بۇلاردىن 80 مىڭ ئادەمنى تاغدىن تاش قېزىشقا، 70 مىڭ ئادەمنى توشۇغۇچى ئىشچىلىققا، 3600 ئادەمنى نازارەتچىلىككە تاللىدى.
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 3 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36