bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 17
2 Chronicles 17
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 18 →
1
پادىشاھ ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىدى.
2
يىھوشافات يەھۇدىيەنىڭ ھەممە مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى. ئۇ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە ئاتىسى ئاسا بويسۇندۇرغان ئەفرايىمنىڭ شەھەرلىرىدە لەشكەرلىرىنى تۇرغۇزدى.
3
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولدى، چۈنكى ئۇ بائالغا چوقۇنماي، ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىدا ماڭدى.
4
ئۇ پەقەت ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلدى. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىگە ئەگەشمىدى.
5
شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلدى. بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ چەكسىز بايلىق ۋە شەرەپكە ئىگە بولدى.
6
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا قىزغىنلىق بىلەن ماڭدى. يەھۇدىيەدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزۇپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئېلىپ تاشلىدى.
7
يىھوشافات ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى خەلققە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئەمەلدارلىرىدىن بەنخايىل، ئوبادىيا، زىكىرىيا، نىتانئېل، مىكايالارنى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ئەۋەتتى.
8
لاۋىيلاردىن شىمايا، نىتانيا، زىباديا، ئاسائېل، شىمىراموت، يىھوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا ۋە روھانىيلاردىن ئەلىشاما، يىھورام ئۇلارغا ھەمراھ بولدى.
9
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشتى.
10
يەھۇدىيەنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا ئەللەر پەرۋەردىگاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن، يىھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.
11
بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭغا سوۋغاتلارنى ئەكەلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە زور مىقداردا كۈمۈشلەر بار ئىدى. ئەرەبلەرمۇ ئۇنىڭغا 7700 تۇياق قوچقار، 7700 تۇياق تېكە سوۋغا قىلدى.
12
يىھوشافات بارغانسېرى كۈچەيدى. يەھۇدىيەدە قورغان ۋە ئامبار شەھەرلەرنى قۇردى.
13
يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە زور مىقداردا ماددىي ئەشيا توپلىدى. يىھوشافات يېرۇسالېمدا خىللانغان قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى.
14
بۇ قوشۇنلار قەبىلىلەر بويىچە سەپەرۋەر قىلىنغانىدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن تۈمەنبېشى ئادناھ 300 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى.
15
ئىككىنچى تۈمەنبېشى يىھوخانان بولۇپ، ئۇ 280 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى.
16
ئۈچىنچى تۈمەنبېشى زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسيا بولۇپ، ئۇ 200 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. ئۇ پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن تىزىمغا ئالدۇرغانىدى.
17
بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ باتۇر جەڭچىسى ئەليادا ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان 200 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى.
18
يەنە بىر تۈمەنبېشى يىھوزاباد بولۇپ، ئۇ قوراللانغان 180 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى.
19
يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. بۇنىڭدىن سىرت يەھۇدىيەنىڭ باشقا مۇستەھكەم شەھەرلىرىگىمۇ لەشكەرلەرنى تۇرغۇزغانىدى.
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 18 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36