bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 33
2 Chronicles 33
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 32
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 34 →
1
ماناسسە تەختكە چىققان چاغدا 12 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
2
ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى.
3
ئۇ ئاتىسى خىزكىيا ۋەيران قىلغان غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى، يەنە ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.
4
گەرچە پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم مەڭگۈ خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى.
5
ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى.
6
ماناسسە ئۆز ئوغۇللىرىنى بەنھىننوم جىلغىسىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، باخشىلىق، جادۇگەرلىك قىلىش ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
7
ئۇ يەنە ئۆزى ياغاچتىن ياساتقان بۇتنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. خۇدا بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەر ئىچىدىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن.
8
ئەگەر ئىسرائىللار مەن مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا ئەمر قىلغان پۈتۈن قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلسا، مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن يەنە ئايرىمايمەن» دېگەنىدى.
9
لېكىن ماناسسە يەھۇدىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېم خەلقىنى ئازدۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەردىنمۇ بەكرەك يامان ئىشلارنى قىلدى.
10
پەرۋەردىگار ماناسسەنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى.
11
شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. ئۇلار ماناسسەنى تۇتقۇن قىلىپ، بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ، تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
12
ماناسسە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزى ۋە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدادىن مەدەت تىلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھىغا قاتتىق توۋا قىلدى.
13
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق پادىشاھ بولدى. ماناسسە شۇندىلا پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.
14
بۇ ئىشتىن كېيىن ماناسسە «داۋۇت شەھىرى»نىڭ تاشقى سېپىلنى ياساتتى. ئۇ سېپىلنى قىدرون جىلغىسىدىكى گىھون بۇلىقىنىڭ غەرب تەرىپىدىن باشلاپ، ئوفەل ئېگىزلىكىنى ئايلاندۇرۇپ، «بېلىق دەرۋازىسى»غا تۇتاشتۇردى. سېپىلنى بەك ئېگىز سوقتۇردى. ماناسسە يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە سەركەردىلەرنى تۇرغۇزدى.
15
پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋە ئۆزى ياساتقان بۇتنى ئېلىپ تاشلىدى. ئۇ يەنە ئىبادەتخانا تېغىدا ۋە يېرۇسالېمدا ياساتقان بارلىق غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چاقتۇرۇپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتتى.
16
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتا ياسىتىپ، ئامانلىق ۋە مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ھەم يەھۇدىيە خەلقىنى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بۇيرۇدى.
17
شۇنداق بولسىمۇ، خەلق يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. لېكىن ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى پەقەت ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغىلا ئاتايتتى.
18
پادىشاھ ماناسسەنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، خۇداغا قىلغان دۇئاسى ۋە غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىدا ئۇنىڭغا قىلغان سۆزلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.
19
ئۇنىڭ دۇئاسى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى، گۇناھىغا توۋا قىلىشتىن ئىلگىرىكى بارلىق گۇناھلىرى، ساداقەتسىزلىكى، غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياساتقان، ئاشېرا ۋە باشقا ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى تىكلىگەن جايلىرى «غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.
20
ماناسسە ۋاپات بولۇپ، ئوردا ئىچىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
21
ئامون تەختكە چىققان چاغدا 22 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
22
ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ماناسسە ياساتقان ھەممە بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى ۋە ئۇلارغا چوقۇندى.
23
ئەمما ئاتىسى ماناسسە پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئامون ئۇنداق قىلماي، ئاتىسىدىن كۆپرەك گۇناھ قىلدى.
24
ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.
25
لېكىن خەلق پادىشاھ ئامونغا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئوغلى يوشىيانى ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
← Chapter 32
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 34 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36