bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 32
2 Chronicles 32
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 31
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 33 →
1
پادىشاھ خىزكىيا بۇ ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن پۈتتۈردى. شۇ چاغدا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەگە باستۇرۇپ كەلدى ۋە مۇستەھكەم شەھەرلەرنى قورشاۋغا ئالدى.
2
پادىشاھ خىزكىيا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىبنىڭ يېرۇسالېمغىمۇ ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ،
3
ئەمەلدارلىرى ۋە لەشكەر باشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش قارارىغا كەلدى، جامائەتمۇ بۇنى قوللىدى.
4
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسسۇر پادىشاھىغا سۇ قالدۇرماسلىق ئۈچۈن زور مىقداردا ئادەم توپلاپ، بارلىق سۇ مەنبەلىرىنى ۋە دالاغا قاراپ ئاقىدىغان ئېقىنلارنى توستى.
5
خىزكىيا بۇزۇلغان شەھەر سېپىللىرىنى ياسىتىش قارارىغا كەلدى. مۇنارلارنى ئېگىزلەتتى. شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىغا يەنە بىر قات سېپىل سالدۇردى. «داۋۇت شەھىرى»دىكى «تىندۇرۇلغان يەر»نىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە قالقانلار ياساتتى.
6
ئۇ قوشۇنلىرىغا سەركەردىلەرنى تەيىنلەپ، خەلقنى شەھەر دەرۋازىسى يېنىدىكى مەيدانغا توپلىدى. ئۇ خەلققە ئىلھام بېرىپ، مۇنداق دېدى:
7
_ سىلەر قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار. ئاسسۇر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ زور قوشۇنىدىن قورقۇپ، بوشىشىپ كەتمەڭلار. چۈنكى بىزگە يار بولغۇچى ئۇنىڭغا يار بولغۇچىدىن تېخىمۇ قۇدرەتلىكتۇر.
8
ئۇنىڭغا يار بولغۇچى ئىنسان بولسا، بىزگە يار بولغۇچى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇر. ئۇ بىزگە ياردەمدە بولىدۇ، بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. خەلق پادىشاھ خىزكىيانىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىلھاملاندى.
9
بۇ ۋاقىتتا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن لاكىش شەھىرىنى قورشاۋغا ئالغانىدى. ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى يېرۇسالېمغا ئەۋەتتى. ئۇلار يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە مۇنداق دېدى:
10
_ ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمەڭلارغا تايىنىپ، ئۆزۈڭلارغا شۇنچىلىك ئىشىنىسىلەر؟ يېرۇسالېم قورشاۋغا ئېلىنغان ۋاقتىدا، سىلەر يەنىلا ئامان قالىمىز دەپ ئويلامسىلەر؟
11
خىزكىيا: ‹پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ› دەپ، سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇ سىلەرنى ئاچ ۋە ئۇسسۇز قويۇپ، ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.
12
خىزكىيا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سەجدىگاھلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئۇ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا قۇربانلىق سۇپىسى يېتىدۇ، دەپ ئېيتمىغانمىدى؟
13
ئەجەبا سىلەر مېنىڭ ۋە ئەجدادلىرىمنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ خەلقلىرىگە نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟
14
قايسىبىر ئەلنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز ئېلىنى مەن ۋە ئەجدادلىرىمنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالىغان؟ شۇنداق ئىكەن، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟
15
شۇڭا سىلەر خىزكىيانىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا ۋە ئازدۇرۇشىغا يول قويماڭلار ھەم ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار. ھەرقانداق بىر خەلقنىڭ ۋە پادىشاھلىقنىڭ ئىلاھى ئۆزىنىڭ خەلقىنى ئەجدادلىرىمنىڭ قولىدىن ياكى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمىغان يەردە، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار سىلەرنى قولۇمدىن قانداق قۇتقۇزالىسۇن؟»
16
ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنە باشقا سۆزلەر بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان خىزكىيانى ھاقارەتلىدى.
17
سانخېرىب يەنە نۇرغۇن مەكتۇپلارنى يېزىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ھاقارەتلەپ: «باشقا خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى مېنىڭ قولۇمدىن خەلقىنى قۇتقۇزالمىغانىكەن، خىزكىيانىڭ خۇداسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس» دېدى.
18
ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى شەھەرنى ئېلىشقا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن سېپىلنىڭ ئۈستىدىكى يېرۇسالېملىقلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىبرانىي تىلىدا ۋارقىراپ، ئۇلارنى قورقۇتماقچى ۋە ۋەھىمىگە سالماقچى بولدى.
19
ئۇلار يېرۇسالېملىقلارنىڭ خۇداسىنى باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق خۇددى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇتلار ھەققىدە سۆزلىگەندەك سۆزلىدى.
20
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى، يەنى پەيغەمبەر يەشايا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلدى.
21
پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ بارگاھىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىللانغان لەشكەرلىرى ۋە سەركەردىلىرىنى ھالاك قىلدى. سانخېرىب نومۇس ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا بارغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرقانچىسى بىرلىكتە ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى.
22
شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار خىزكىيانى ۋە يېرۇسالېملىقلارنى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىبنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ۋە باشقا دۈشمەنلىرىدىن قوغداپ، زېمىنىغا تىنچلىق ئاتا قىلدى.
23
يات خەلقلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ئاتا قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كەلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغىمۇ قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىزكىيا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.
24
شۇ كۈنلەردە خىزكىيا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ ساقىيىدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئالامەت كۆرسەتتى.
25
ئەمما خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە رەھمەت بىلدۈرمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە تەكەببۇرلۇق بار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا، يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى.
26
كېيىن خىزكىيا ۋە يېرۇسالېم خەلقى قەلبلىرىدىكى تەكەببۇرلۇققا توۋا قىلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى خىزكىيا ۋاپات بولغۇچە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خەلققە چۈشمىدى.
27
خىزكىيا شۇنچىلىك باي ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەر، خۇشبۇي ئەشيالار، قالقان ۋە باشقا ھەر خىل قىممەت باھالىق بۇيۇملىرى ئۈچۈن مەخسۇس خەزىنىلەرنى قۇردى.
28
ئۇ يەنە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ئۈچۈن ئامبارلارنى ياساتتى. ھەر خىل چارۋا ماللار ئۈچۈن قوتان سالدۇردى.
29
ئۇ يەنە ئۆزى ئۈچۈن يېزىلارنى قۇردى. ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا ماللىرى بار ئىدى. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا ھەددى-ھېسابسىز بايلىق ئاتا قىلغانىدى.
30
خىزكىيا يۇقىرى تەرەپتىكى گىھون بۇلىقىنىڭ ئېقىنىنى توسۇپ، غەربكە، يەنى تۆۋەندىكى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كىردى. ئۇ ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى.
31
بىراق بابىلنىڭ ئەلچىلىرى خىزكىيا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆرگەن ئالامىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماقچى بولدى. خۇدا بۇ ئىشنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇردى. چۈنكى خۇدا ئۇنى سىنىماقچى ۋە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقماقچىدى.
32
پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقىتى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»نىڭ بىر قىسمى بولغان «ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىيلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
33
خىزكىيا ۋاپات بولۇپ، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ھازا تۇتتى. ئوغلى ماناسسە تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
← Chapter 31
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 33 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36