bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 35
2 Chronicles 35
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 34
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 36 →
1
يوشىيا يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. جامائەت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن بوغۇزلايدىغان پاقلان ياكى ئوغلاقنى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بوغۇزلىدى.
2
يوشىيا روھانىيلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
3
ئۇ ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن پاكلىغان ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارغا تەلىم بېرىشكە مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان سالدۇرغان ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىغا چېقىلماڭلار، ئۇ ئورنىدا قالسۇن. بۇندىن كېيىن ئەھدە ساندۇقىنى مۈرەڭلاردا كۆتۈرۈپ يۈرۈشۈڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. سىلەر ھازىردىن باشلاپ سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭلار.
4
سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇت ۋە ئوغلى سۇلايمان يازغان بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن جەمەتلەر ۋە خىزمەتلەر بويىچە ھازىرلىنىڭلار.
5
سىلەر مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا جەمەت بويىچە تۇرۇڭلار. سىلەر جەمەتلەر بويىچە ئىسرائىللارنىڭ باشقا جەمەتلىرىگە خىزمەت قىلىڭلار.
6
سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق ماللىرىنى بوغۇزلاڭلار ۋە ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن قۇربانلىق تەييار قىلىڭلار. بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرى بويىچە ئېلىپ بېرىڭلار.
7
پادىشاھ يوشىيا ئۆزىنىڭ چارۋىلىرىدىن 30,000 پاقلان ۋە ئوغلاق چىقىرىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئاتىدى. ئۇنىڭغا قوشۇپ، 3000 تۇياق كالا ئاتىدى.
8
ئەمەلدارلارمۇ جامائەتكە، روھانىيلارغا، لاۋىيلارغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەدىيە بەردى. خىلقىيا، زىكىرىيا، يىخىئېل قاتارلىق ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇل روھانىيلىرى باشقا روھانىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 2600 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، شۇنداقلا ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن 300 تۇياق كالا ھەدىيە قىلدى.
9
لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولغان كونانيا ۋە ئۇنىڭ شىمايا، نىتانئېل قاتارلىق ئىنىلىرى ھەمدە لاۋىيلارنىڭ خاشابيا، يىئىئېل، يوزاباد قاتارلىق باشقا باشلىقلىرى باشقا لاۋىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 5000 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، شۇنداقلا 500 تۇياق كالا ھەدىيە قىلدى.
10
شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىشلار تەييار بولدى. پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى، لاۋىيلارمۇ ئۆز توپلىرى بويىچە تۇرۇشتى.
11
لاۋىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن پاقلان ۋە ئوغلاق بوغۇزلىغاندا، روھانىيلار ئۇلاردىن قانلارنى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئاندىن لاۋىيلار قۇربانلىق ماللارنىڭ تېرىلىرىنى شىلدى.
12
ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنى بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن تەييارلانغان پاقلان ۋە ئوغلاقنى ئايرىم قويدى ۋە ئۇلارنى جامائەتكە جەمەتلەر بويىچە بۆلۈپ بەردى. جامائەت ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. كالىلارنىمۇ شۇنداق قىلدى.
13
ئۇلار بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ پاقلان ۋە ئوغلاقلىرىنى ئوتقا قاقلاپ پىشۇردى. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كالىلارنىڭ گۆشىنى قازان ۋە كورىلاردا پىشۇردى. ئاندىن ئۇلارنى دەرھال جامائەتكە تارقىتىپ بەردى.
14
ئاندىن لاۋىيلار ئۆزلىرى ۋە روھانىيلار ئۈچۈن قۇربانلىق ماللىرىنى تەييارلىدى. چۈنكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلار ئەتىگەندىن كەچكىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولغانىدى.
15
ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان نەغمىچىلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ، ئاسافنىڭ، ھېماننىڭ ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى يىدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن ھېچكىمنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى تەييارلىغانىدى.
16
شۇ كۈنى پادىشاھ يوشىيانىڭ پەرمانىغا ئاساسەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش قاتارلىق ھەممە ئىشلار تاماملاندى.
17
شۇنداق قىلىپ، يېرۇسالېمغا جەم بولغان ئىسرائىللار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ھەم يەتتە كۈن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
18
سامۇئىل پەيغەمبەر زامانىسىدىن بۇيان ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ھېچقاچان بۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى. ئىسرائىلىيەدە ھېچقانداق پادىشاھ يوشىياغا ئوخشاش روھانىيلار، لاۋىيلار، بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر، ئىسرائىلىيەلىكلەر ھەم يېرۇسالېمدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى.
19
بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى پادىشاھ يوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئۆتكۈزۈلدى.
20
يوشىيا ئىبادەتخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ بولغان شۇ ۋاقىتتا، مىسىر پادىشاھى نىكو فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش شەھىرىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا چىقتى. يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى.
21
نىكو يوشىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: _ ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى، مېنىڭ سەن بىلەن ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋىتىم يوق. مەن بۈگۈن بۇ يەرگە سەن بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان باشقا بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى كەلدىم. خۇدا ماڭا بۇ ئۇرۇشنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا پەرمان قىلدى. سەن خۇدا بىلەن قارشىلاشما، ئۇنىڭ سېنى ۋەيران قىلىشىدىن ساقلان، چۈنكى خۇدا ماڭا ياردۇر.
22
لېكىن يوشىيا خۇدانىڭ نىكو ئارقىلىق دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۇ لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرمەستىن، ئەكسىچە، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، مىگىددو تۈزلەڭلىكىدە نىكو بىلەن جەڭ قىلدى.
23
ئوقياچىلار پادىشاھ يوشىيانى ئوققا تۇتۇشتى. ئۇ ئادەملىرىگە: _ مەن ئېغىر يارىلاندىم، مېنى ئېلىپ كېتىڭلار، _ دېدى.
24
خىزمەتكارلىرى ئۇنى جەڭ ھارۋىسىدىن يەنە بىر ھارۋىسىغا يۆلەپ چىقىرىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. يوشىيا ۋاپات بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى ئۇنىڭغا ماتەم تۇتتى.
25
يەرەمىيا پەيغەمبەر پادىشاھ يوشىياغا ئاتاپ مەرسىيە ئوقۇدى. شۇنىڭدىن بېرى پادىشاھ يوشىيانى خاتىرىلەپ مەرسىيە ئوقۇش ئىسرائىللارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ، بارلىق ئەر-ئايال ناخشىچىلار ئۇنى خاتىرىلەپ، مەرسىيە ئوقۇپ كەلمەكتە. بۇ مەرسىيەلەر «مەرسىيەلەر توپلىمى»دا خاتىرىلەنگەندۇر.
26
پادىشاھ يوشىيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى قانداق ساداقەت بىلەن ئىجرا قىلغانلىقى
27
«ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.
← Chapter 34
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 36 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36