bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 7
2 Chronicles 7
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 6
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 8 →
1
سۇلايمان دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن باشقا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىغا تولدى.
2
ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانلىقى ئۈچۈن، روھانىيلار ئىبادەتخانىغا كىرەلمەي قالدى.
3
بارلىق ئىسرائىللار ئاسماندىن ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، تىزلىنىپ، باشلىرىنى تاش ياتقۇزۇلغان يەرگە تەگكۈزۈپ، سەجدە قىلىشتى ۋە «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ شۈكۈر ئېيتىشتى.
4
ئاندىن كېيىن پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشتى.
5
پادىشاھ سۇلايمان 22 مىڭ كالا، 120 مىڭ قوي قۇربانلىق قىلدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلىدى.
6
روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن جايلىرىدا تۇرۇپ، كاناي چالدى. لاۋىيلار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن تەييارلانغان سازلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. پادىشاھ داۋۇت بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ياساتقانىدى. لاۋىيلار بۇ سازلار بىلەن «پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇشتى. پۈتۈن خەلق ئۆرە تۇراتتى.
7
سۇلايمان تۇچ بىلەن قاپلاپ ياساتقان قۇربانلىق سۇپىسىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغى پاتماي قالغانىدى. شۇڭا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى.
8
شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار ناھايىتى زور جامائەت بولدى. پادىشاھ سۇلايمان ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
9
ئەتىسى يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈپ، يەنە يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتى قىلغانىدى.
10
شۇ كۈنى، يەنى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سۇلايمان جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت، سۇلايمان ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن شاپائىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.
11
پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى پۈتتۈردى. ئۇ ئىبادەتخانا ۋە ئوردا قۇرۇلۇشىدا ئارمان قىلىپ كەلگەن ھەممە ئىشنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇردى.
12
پەرۋەردىگار سۇلايمانغا بىر كۈنى كەچتە زاھىر بولۇپ، مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مەن بۇ جاينى ئۆزۈمگە قۇربانلىق قىلىدىغان ئۆي قىلىپ تاللىدىم.
13
ئەگەر مەن ئاسمانلارنى يېپىپ، يامغۇر ياغدۇرمىسام ياكى چېكەتكە ئەۋەتىپ، زېمىندىكى زىرائەتلەرنى يېگۈزسەم ياكى خەلقىم ئارىسىغا ۋابا چۈشۈرسەم،
14
ماڭا مەنسۇپ بولغان خەلقىم گۇناھىنى تونۇپ، يامان يولىدىن يېنىپ، دىدارىمغا ئىنتىلىپ، دۇئا قىلسا، مەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، زېمىنىغا شاپائەت ياغدۇرىمەن.
15
مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا كۆزۈم ۋە قۇلىقىمنى ئوچۇق قىلىمەن.
16
مەن بۇ ئىبادەتخانىنى سېنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇقەددەس قىلدىم. كۆزۈم ۋە قەلبىم ھەمىشە مۇشۇ يەردە بولىدۇ.
17
ئەگەر سەن ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئالدىمدا دۇرۇس ئىش قىلساڭ، ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلساڭ،
18
ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ تەختىڭنى مۇستەھكەم قىلىمەن.
19
ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىساڭلار، مەن بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تەرك ئەتسەڭلار، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنساڭلار،
20
مەن سىلەرنى ئۆزۈم سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ھەيدەپ چىقىرىمەن. ئۆز نامىمغا ئاتاپ، مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ نەزىرىمدىن يىراق قىلىمەن. ھەتتا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى بارلىق ئەللەر ئالدىدا مازاق ۋە كۈلكىگە قالدۇرىمەن.
21
ھازىر ئۇلۇغلىنىۋاتقان بۇ ئىبادەتخانا شۇ ۋاقىت كەلگەندە ۋەيران بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ.
22
باشقىلار: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇ بالايىئاپەتلەرنى ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.
← Chapter 6
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 8 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36