bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 21
2 Chronicles 21
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 20
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 22 →
1
يىھوشافات ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھورام تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
2
يىھورامنىڭ ئازاريا، يىخىئېل، زىكىرىيا، ئازارياھۇ، مىكائىل، شىفاتيا ئىسىملىك ئىنىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
3
ئاتىسى يىھوشافات ئۇلارغا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە باشقا نۇرغۇن قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغاندىن سىرت، يەنە يەھۇدىيەگە قاراشلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنىمۇ ھەدىيە قىلغانىدى. لېكىن پادىشاھلىقىنى يىھورامغا بەرگەنىدى، چۈنكى ئۇ تۇنجى ئوغۇل ئىدى.
4
يىھورام تەختكە چىقىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئىنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ بەزىلىرىنى چېپىپ تاشلىدى.
5
يىھورام تەختكە چىققان چاغدا 32 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
6
يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.
7
شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەھدە قىلغان خانىدانلىقىنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەۋلادىنىڭ تەختىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.
8
پادىشاھ يىھورامنىڭ ۋاقتىدا ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ئايرىم بىر پادىشاھ تىكلىۋالدى.
9
شۇنىڭ بىلەن يىھورام لەشكەر باشلىرى بىلەن بىرلىكتە بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېلىپ، ئۇرۇشقا باردى. ئىدوملۇقلار ئۇلارنى ئۇ يەردە قورشىۋالدى. يىھورام كېچىسى ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرى بىلەن بىرگە قورشاۋدىن قېچىپ چىقتى.
10
شۇنىڭدىن بېرى ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى. چۈنكى يىھورام ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى.
11
ئۇنىڭ ئۈستىگە يىھورام يەھۇدىيەنىڭ تاغلىرىدا غەيرىي سەجدىگاھلارنى بەرپا قىلىپ، يېرۇسالېملىقلارنى، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇردى.
12
ئىلياس پەيغەمبەر يىھورامغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يوللىدى: «ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹سەن ئاتاڭ يىھوشافاتنىڭ يولىدىن ھەم بوۋاڭ ئاسانىڭ ئىزىدىن ماڭماي،
13
ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭدىڭ. ئاخاب جەمەتى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرغاندەك سەنمۇ يەھۇدىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېم ئاھالىسىنى ئازدۇردۇڭ ھەم سەندىن ياخشى بولغان ئۆز ئىنىلىرىڭنى ئۆلتۈردۈڭ.
14
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار خەلقىڭگە، قىز-ئوغۇللىرىڭغا، خوتۇنلىرىڭغا ھەم مال-مۈلۈكلىرىڭگە ئېغىر ئاپەت كەلتۈرىمەن.
15
سەن ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولىسەن، كېسىلىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاپ، ئۈچەيلىرىڭ تېشىغا ساڭگىلاپ قالىدۇ.›»
16
پەرۋەردىگار فىلىستىيەلىكلەر ۋە كۇشلارنىڭ يېنىدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى يىھورامغا قارشى قوزغىدى.
17
ئۇلار يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى ۋە ئوردىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. يىھورامنىڭ بالىلىرى ۋە خوتۇنلىرىنى ئەسىرگە ئالدى. پەقەت پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلى ئاخازيا ئامان قالدى.
18
بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگار يىھورامنى ساقايمايدىغان ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار قىلدى.
19
يىھورامنىڭ كېسىلى كۈنسېرى ئېغىرلاپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۈچەيلىرى تېشىغا ساڭگىلاپ قالدى. ئۇ ئېغىر ئازاب بىلەن ئۆلدى. خەلق بۇرۇن ئۇنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوت يېقىپ تەزىيە بىلدۈرگەنىدى، لېكىن ئۇنىڭغا ئۇنداق تەزىيە بىلدۈرمىدى.
20
يىھورام تەختكە چىققان چاغدا 32 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئۆلگەندە ھېچكىم قايغۇرمىدى. ئۇ «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى.
← Chapter 20
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 22 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36