bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 8
2 Chronicles 8
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 9 →
1
پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.
2
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان تىر پادىشاھى ھىرام بەرگەن شەھەرلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلارغا ئىسرائىللارنى ئورۇنلاشتۇردى.
3
سۇلايمان خامات-زوباھ پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى.
4
ئۇ چۆلگە جايلاشقان تادمور شەھىرىنى ۋە ئۆزى بۇرۇن ئامبار قۇرغان خاماتتىكى ھەممە شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى.
5
پادىشاھ سۇلايمان ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى كېڭەيتىپ قۇردى ۋە سېپىللارغا دەرۋازا ئورنىتىپ، بالداق بېكىتىپ، شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى.
6
ئۇ يەنە بائالات شەھىرىنى قۇردى، شۇنداقلا ئامبار سېلىش، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرىنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن باشقا شەھەرلەرنى قۇردى. ئۇ يېرۇسالېمدا، لىۋان تاغلىرىدا ۋە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەممە يەرلەردە نېمىنى خالىسا، شۇنى سالدى.
7
ئىسرائىل زېمىنىدا ئىسرائىللاردىن بولمىغان خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ياشايتتى.
8
ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەندە، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتەلمىگەنىدى. سۇلايمان قۇرۇلۇشلارنى باشلىغاندا، ئۇلارنى ھاشارغا تۇتقان بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى ھاشارچى بولۇپ كەلمەكتە.
9
لېكىن سۇلايمان ئىسرائىللارنى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھاشارغا سالماي، ئۇلارنى ئۆزىگە لەشكەر، لەشكەر بېشى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ لەشكەرلىرى قىلدى.
10
پادىشاھ سۇلايماننىڭ خەلقلەرنى نازارەت قىلىدىغان 250 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى.
11
سۇلايمان ئايالى بولغان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن ئۇنىڭ ئۈچۈن سالدۇرغان سارايغا كۆچۈرۈپ كەلدى. چۈنكى سۇلايمان: «‹داۋۇت شەھىرى› پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ساقلىنىدىغان مۇقەددەس جايدۇر، شۇڭا ئايالىم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرسا بولمايدۇ» دەپ قارىغانىدى.
12
سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋانى ئالدىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.
13
مۇسانىڭ بېكىتكىنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا، شۇنداقلا پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتى قاتارلىق ئۈچ ھېيتتا قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى.
14
سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى.
15
پادىشاھ داۋۇتنىڭ روھانىيلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا ئامبار ۋە باشقا خىزمەتلەر ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىندى.
16
سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇل قويغاندىن تارتىپ تاكى قۇرۇلۇش تاماملانغۇچە بولغان پىلانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشتى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى پۈتتى.
17
شۇ چاغلاردا سۇلايمان يەنە ئىدومدىكى قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئەزيون-گەبەر ۋە ئېلاتقا باردى.
18
پادىشاھ ھىرام ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېمىلىرى ۋە تەجرىبىلىك دېڭىزچىلىرىنى سۇلايماننىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئوفىر زېمىنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەردىن پادىشاھ سۇلايمانغا 15 توننا ئالتۇن ئېلىپ كەلدى.
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 9 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36