bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 22
2 Chronicles 22
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 23 →
1
يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسى يىھورامنىڭ كەنجى ئوغلى ئاخازيانى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. چۈنكى ئەرەبلەر ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەنلەر ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاكىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يىھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
2
ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 22 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئومرىنىڭ نەۋرىسى ئاتاليا ئىدى.
3
ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى قىلىشقا مەسلىھەت بەرگەچكە، ئۇمۇ ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ،
4
پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئاخازيانىڭ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاخاب جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغانىدى. ئۇلار ئۇنى ھالاكەتكە باشلىدى.
5
ئاخازيا ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە كىرىپ، ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى.
6
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يارىسىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتتى. ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ باردى.
7
(ئۇنىڭ يورامنى يوقلىشى ئۆزىنىڭ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى، چۈنكى خۇدا بۇنى ئىرادە قىلغانىدى.) ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن باردى. لېكىن پەرۋەردىگار يېھۇنى ئاخابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى قىرىپ تاشلاشقا تاللىغانىدى.
8
يېھۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى ئۆلتۈرگەندە، ئاخازيانىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان يەھۇدىيە سەركەردىلىرىنى ۋە ئاخازيانىڭ جىيەنلىرىنىمۇ ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈردى.
9
ئاندىن يېھۇ ئاخازيانى ئىزدىدى. ئاخازيا سامارىيە شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ مۆكۈۋالغانىدى. يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. يېھۇ ئۇنى ئۆلتۈردى ۋە يىھوشافاتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنى دەپنە قىلدى. چۈنكى ئاخازيا يىھوشافاتنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، يىھوشافات ھايات ۋاقتىدا جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭغانىدى. نەتىجىدە ئاخازيانىڭ جەمەتىدىن پادىشاھلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ھېچبىر ئادەم قالمىدى.
10
ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھ جەمەتىدىكى بارلىق ئوغۇللارنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلدى.
11
لېكىن يىھوشەبا ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يىھوشەبا پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، ئاخازيانىڭ سىڭلىسى ۋە باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ئىدى. يىھوشەبا بالىنى يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئاتاليا ئۇنى ئۆلتۈرەلمىدى.
12
ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، يوئاش خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى.
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 23 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36