bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 19
2 Chronicles 19
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 18
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 20 →
1
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى.
2
خانانىنىڭ ئوغلى غايىبنى بىلگۈچى يېھۇ يىھوشافاتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز نېمىشقا رەزىللەرگە ياردەم قىلىسىز؟ پەرۋەردىگارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟ سىز ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدىڭىز.
3
لېكىن سىز بۇرۇن خۇداغا چىن قەلبىڭىز بىلەن ئىنتىلىپ، يەھۇدىيەدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوق قىلىپ، ياخشى ئىشلارنىمۇ قىلغانىكەنسىز.
4
شۇنىڭدىن كېيىن يىھوشافات يېرۇسالېمدا تۇرۇپ قالدى. ئۇ پۈتكۈل يەھۇدىيەنى ئايلىنىپ، بەئەرشەبادىن تاكى ئەفرايىم تاغلىق رايونىغىچە باردى ۋە خەلقىنى ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى.
5
ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە سوتچىلارنى تەيىنلىدى
6
ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئىش بېجىرىشتە ئېھتىياتچان بولۇڭلار. چۈنكى سىلەر ئىنسان نامىدىن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. سىلەر ھۆكۈم چىقارغان ۋاقتىڭلاردا، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ.
7
شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىڭلار. چۈنكى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ناھەقچىلىق، تەرەپبازلىق ۋە پارىخورلۇق قىلىشقا يول قويمايدۇ.
8
يىھوشافات يەنە يېرۇسالېمدا بىر قىسىم لاۋىيلارنى، روھانىيلارنى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى سوتچى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا ئائىت مەسىلىلەرنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇدى.
9
يىھوشافات ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان يۈرىكىڭلار، ساداقىتىڭلار ۋە پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ئىش بېجىرىڭلار.
10
ھەرقايسى شەھەرلەردىكى قېرىندىشىڭلار مەيلى قاتىللىققا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، مەيلى قانۇن، ئەمر-پەرمان ۋە قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، ئالدىڭلارغا ئەرز ئېلىپ كەلسە، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويمىسۇن. بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە ھەم خەلققە چۈشىدۇ. شۇنداق قىلساڭلار، ئەيىبسىز بولىسىلەر.
11
ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، باش روھانىي ئاماريا مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر پادىشاھنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زىباديا مەسئۇل بولىدۇ. لاۋىيلار سىلەرگە كاتىپلىق قىلىدۇ. ئىش قىلغاندا يۈرەكلىك بولۇڭلار. ۋەزىپەڭلارنى ئادىل بېجىرسەڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ.
← Chapter 18
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 20 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36