bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Chronicles 23
2 Chronicles 23
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 24 →
1
يەتتىنچى يىلى باش روھانىي يىھويادا قاتتىق جاسارەتكە كېلىپ، يۈزبېشىلار، يەنى يىروخامنىڭ ئوغلى ئازاريا، يىھوخاناننىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئوبېدنىڭ ئوغلى ئازاريا، ئادايانىڭ ئوغلى مائاسېيا ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى ئېلىشافات بىلەن بىر نىيەتكە كېلىشتى.
2
ئۇلار يەھۇدىيەنى ئايلىنىپ، ھەرقايسى شەھەرلەردىن لاۋىيلارنى ۋە جەمەت باشلىقلىرىنى يېرۇسالېمغا يىغدى.
3
يىغىلغانلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان يوئاش بىلەن بىرلىكتە قەسەم قىلىشتى. باش روھانىي يىھويادا ئۇلارغا: _ مانا بۇ پادىشاھنىڭ ئوغلىدۇر، ئۇ پادىشاھ بولسۇن! بۇ پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدۇر، _ دېدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى،
4
_ سىلەر ئەمدى مۇنداق قىلىڭلار، كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان روھانىي ۋە لاۋىيلاردىن ئۈچتىن بىرىڭلار دەرۋازىلارنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار.
5
يەنە بىر ئۈچتىن بىرىڭلار پادىشاھ ئوردىسىدا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار. قالغان ئۈچتىن بىرىڭلار «ئۇل دەرۋازىسى»دا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار. باشقىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىلىرىدا بولسۇن.
6
لېكىن روھانىيلار ۋە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرمىسۇن. پەقەتلا ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر. قالغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن.
7
قالغان لاۋىيلار قوراللىنىپ، يوئاشنىڭ تۆت ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇنى قوغدىسۇن. بىرەرسى ئىبادەتخانىغا كىرمەكچى بولسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. يوئاش مەيلى نەدە تۇرمىسۇن، سىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار.
8
لاۋىيلار ۋە يەھۇدىيەلىكلەر باش روھانىي يىھويادانىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىشتى. باش روھانىي يىھويادا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىشىگە ئىجازەت بەرمىدى. شۇ دەم ئېلىش كۈنى كەلگەندە، مەيلى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەر، مەيلى نۆۋەتچىلىككە چىققانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ كېلىشتى.
9
باش روھانىي يىھويادا بۇرۇن پادىشاھ داۋۇتقا تەۋە بولغان، ھازىر خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نەيزە ۋە چوڭ-كىچىك قالقانلارنى يۈزبېشىلارغا بەردى.
10
باش روھانىي يىھويادا يوئاشنى قوغداش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى پۈتۈن كىشىلەرنى قوللىرىغا قورال تۇتقۇزۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدا جەنۇبتىن شىمالغىچە يا شەكلىدە تۇرغۇزدى.
11
باش روھانىي يىھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار يوئاشنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى.
12
ئاتاليا خەلقنىڭ يۈگۈرگەن ئاۋازلىرىنى ۋە پادىشاھنى مەدھىيەلەش سادالىرىنى ئاڭلاپ، ئىبادەتخانىدىكى كىشىلەرنىڭ يېنىغا باردى.
13
شۇ چاغدا يوئاش ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «پادىشاھ تۈۋرۈكى»نىڭ يېنىدا، يۈزبېشىلار ۋە كانايچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئاتاليا خەلقنىڭ خۇشاللىققا چۆمۈپ، كاناي چېلىۋاتقانلىقىنى ۋە نەغمىچىلەرنىڭ مۇزىكا چېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى ۋە «ئاسىيلىق، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
14
باش روھانىي يىھويادا ئاتاليانىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇننىڭ يۈزبېشىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: _ بۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! كىمكى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى چېپىپ تاشلاڭلار، _ دېدى.
15
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئوردىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئاتلىقلار كىرىدىغان دەرۋازىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.
16
باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن پادىشاھ ۋە پۈتۈن خەلق ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى.
17
ئاندىن پۈتۈن خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ، بۇتخانىنى چېقىۋېتىشتى. ئۇلار بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە بۇتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بائالنىڭ روھانىيسى ماتتاننى قۇربانلىق سۇپىلىرى ئالدىدا ئۆلتۈردى.
18
باش روھانىي يىھويادا داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ نازارىتىنى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارغا تاپشۇردى. ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇشنى ۋە داۋۇت ئەمر قىلغاندەك شاد-خۇراملىق بىلەن مۇناجات ئېيتىشنى بۇيرۇدى.
19
ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەرنى تۇرغۇزۇپ، ھەرقانداق ناپاك ئادەمنىڭ كىرىشىنى چەكلىدى.
20
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يۈزبېشىلار، ئېسىلزادىلەر، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە شۇ يەردىكى پۈتۈن خەلقنى باشلاپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، يۇقىرى دەرۋازا ئارقىلىق ئوردىغا كىردى. ئاندىن يوئاشنى پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.
21
پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 24 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36